بېلىقنىڭ جىنسىنى ئۆزگەرتىشىدىكى سىر
ھايۋاناتلاردىكى سىرلار
قىزىل دېڭىزدا قىزىل كاراس بېلىقى دەپ ئاتىلىدىغان غەلىتە بـېلىق ياشايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىپقىزىل قوغدىنىش رەڭگى بىلەن داڭـلىق بولۇپلا قالماستىن، چىشى بېلىق ئەركەك بېلىققا ئايلىنىشتەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ياشاش ئادىتىگىمۇ ئىگە.
قىزىل كاراس بېلىقى توپلىشىپ ياشايدۇ، ئادەتتە ئون نەچچىسى، ھەتـتـا نەچچە ئونى بىر چوڭ ئائىلىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلارغا ئەركەك بېلىق «ئائىلـە باشلىقى» بولىدۇ، قالغانلىرى چىشى بېلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئەركەك بېلىق قاۋۇل، چىرايلىق كېلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىـڭـدا بىر ئائىلىنىڭ باشلىقى بولۇش سالاپىتى بار. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئائىـلـە باشلىقى بولغان ئەركەك بېلىق ئۆلگەندىن كېيـىـن، بـۇ «ئائىـلـە» دىـكـى ئەڭ قاۋۇل چىشى بېلىق ئەركەك بېلىققا ئايلىنىدۇ.
چىشى بېلىقنىڭ ئەركەك بېلىققا ئۆزگىرىشىدىكى سىر قەيەردە؟ ئالىـملار مۇنداق قىزىقارلىق تەجرىبە ئىـشـلـىـگـەن: ئۇلار ئىـكـكـى دانە سـۈزۈك ئەيـنـەك قاچىنىڭ بىرىگە بىر تال ئەركەك بېلىق، يەنە بىرىگە ئون نەچچە تال چىـشـى بـېـلـىـق سالغان، ئاندىن ئىككى قاچىنى بېلىقلار بىر - بىرىنى كۆرەلىگۈدەك يېقـىـن قـويـغـان، نەتىجىدە، ھەرقانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتسىمۇ، ئەينەك قاچىدىكى چـىـشـى بېلىقلار ئەركەك بېلىققا ئايلانمىغان. ئىككى قاچىنى يىراقراق قويغاندا يـاكـى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى توسۇپ قويغـاندا، ئۇزاق ئۆتـمـەيلا چـىـشـى بـېـلـىـقلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئەركەك بېلىققا ئايلانغان. ئالىملار بۇنىـڭـدىـن چىشى قىزىل كاراس بېلىقىنىڭ ئەركەك بېلىققا ئۆزگىرىشى ئۇلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى تۇيغۇسىدىـن كـېـيـىـن بـارلـىـقـقـا كېلىدۇ، دېگەن دەسلەپكى خۇلاسىنى چىقارغان.
ئۇنداقتا، قىزىل كاراس بېلىقى كۆرۈش سـېزىـمىگە تايىنىپ جىنسىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟ بۇ سـوئال ئۈستىدە ھازىرغىچە ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىدى. بەزىلەر مۇنداق قارايدۇ: چىشى بېـلىـقـنـىـڭ تېنىدە ئەركەك جىنسقا ئۆزگىرىدىغان گېـن بولىدۇ، مۇبادا چىشى بېلىق ئەركەك بېلىقنى ئۇزاقراق ۋاقىت كۆرەلمىسە، كـۆرۈش نـېـرۋىـســى ئۇچـۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك گېنلارنىڭ ھورمون ئاجرىتىشىغا ئۇقتـۇرۇش قـىـلـىـدۇ، نەتىجىدە چىشى بېلىق ئەركەك بېلىققا ئايلىنىدۇ. تېنى قاۋۇل كەلگەن چىشى بېلىق ئەۋزەل تۇغما شارائىتقا ئىگە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تېـنىدە ئۆزگىرىـش بولىدۇ، باشقا چىشى بېلىقلار ئەركەك بېلـىـقـنـىـڭ تەن قـىـياپىـتـىـنـى كۆرگەندىن كېيىن، ئاتىلىق ھورمون ئاجرىتىشى ئۆزلۈكىدىن توختـايـدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى قاۋۇل چىشى بېلىـق ئاسـتـا - ئاسـتـا ئەركەك بـېـلـىـقـقـا ئايلىنىدۇ.
جىنسىي ئۆزگىرىش قىزىل كاراس بېلىقىدىلا كۆرۈلمەستىن، بەلكى ياپونىيىنىڭ يېقىن دېڭىز رايونىدا ياشايدىغان بىر خىل بېلىقتىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل بېلىق ياش مەزگىلىدە قىزغۇچ رەڭدە بولىدۇ، تۇخۇمدىنى ئىنـتـايـىـن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تۇخۇم ئىشلەپچىقـىـرالايـدۇ، بـىـراق يـېـشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، رەڭگى يـېشىلغـا ئۆزگىـرىدۇ، ئۇرۇق خالتىسىمۇ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ. دېمەك، بۇ بېلىق ياشلىق مەزگىلىدە چـىـشى بولۇپ، ئوتتۇرا ياشقا بارغـانـدىـن كـېـيـىـن ئەركەككە ئۆزگىرىدۇ، شۇڭا، ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ئاچا - سىـڭىل» ۋە «رەپىقە» مەۋجۇت ئەمەس.
بېلىقلاردىكى بۇ خىل جىنس ئۆزگىرىش ھادىسىسىدە يەنە نۇرغۇن سىرلار بار. ئۇلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېچىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.