UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلاردىكى سىرلارپاقىلارنىڭ توپلىشىپ جەڭ قىلىشىدىكى سىر

پاقىلارنىڭ توپلىشىپ جەڭ قىلىشىدىكى سىر

ھايۋاناتلاردىكى سىرلار 1970 - يىل11 - ئاينىڭ7 - كۈنى مالايسىيەنىڭ سـېـجـىـشـوۋ دېـگـەن يېرىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغـان مـۇنـداق مـەنـزىـرە پـەيـدا بـولـغـان، قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازلار ئىچىدە مىڭلىغان پاقا جەڭگە چۈشكـەن، ئۇلار بىر - بىرىنى چىشلەپ ئىنتايىن كەسكىن جەڭ قىـلـغـان. «پـاقـا ئۇرۇشى» دەل بىر ھەپتە داۋاملاشقان. ھـايـۋانات مـۇتـەخـەسسىـسـلىرى تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، كۆلدە نۇرغۇن پاقا تۇخۇمى، قۇمچـاق ۋە ئۆلگەن پاقىلارلا قالغان. «پاقـا ئۇرۇشـى» دائىـم ئۇچـراپ تـۇرىـدۇ، ئېلىـمـىـزنـىـڭ خـۇنـەن ئۆلكىسىنىڭ خۇيتۇڭ ناھىيىسى ئەتراپى ۋە سىچۇەن ئۆلكىسىنىـڭ چىڭدۇ شەھىرى ئەتراپىدىكى رايونلاردا يۇقىرىقىدەك پـاقـا ئۇرۇشـى پارتلىغان. ئالىملار بۇ خىل «پـاقـا ئۇرۇشـى» نى پـاقىلارنىڭ كۆپىيىشىدىكى نورمال ھادىسە بولۇشى مۇمـكـىـن، دەپ قارىغان. بـۇنـداق ئەھۋال كۆپىنچە ئۇزاق قۇرغاقچىلىق بولـۇپ، قارا يـامـغـۇر يـاغـقـانـدىـن كېيىنكى سەھەردە يۈز بېرىدۇ، يامغۇر پاقـا تـۇخـۇمـى ۋە قـۇمـچـاقلارنـىـڭ يېتىلىشىنى سۇ مۇھىتى بىـلـەن تـەمىنلەيدۇ. ئۇزاق مـۇددەت قۇرغاقچىلىق بولغاندا پاقىلار تۇخۇملىيالمايدۇ، قورسىقىدىكـى تۇخۇم يېتىلىپ بولغان تەقدىردىمۇ كۈتۈشكە مـەجـبـۇر بـولـىـدۇ. شـۇڭـا، يامغۇر يېغىشى بىلەنلا پاقىلار ئۇۋىسىدىن قوزغىلىپ چىقىـدۇ. ئەركەك پـاقـا ئالدى بىلەن مۇۋاپىق سۇ مۇھىتىنـى تـاللاپ، يـۇقـىـرى ئاۋازدا كـۇركـىـراپ، چىشى پاقىنى چاقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پاقا توپى بەس - بەستە كۇركىراۋاتقان مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ، نەتىجىدە نەچچە مىڭلىغان پاقا ئوخشاش بىر سۇ رايـونـىـغـا كېلىپ جۈپىنى ئىزدەيدۇ. چېتىشىش جەريانىدا ئەركەك پاقا چىشى پاقـىـنـى قوغلىشىدۇ، ئىككى ياكى ئۈچ ئەركەك پاقا بـىـر چـىـشـى پاقىنى ياكى ئەركەك پاقىلار بىر - بىرىنى قۇچاقلىۋالغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن پاقا توپىنىڭ »جەڭ« قىلىشـىـدەك ئاجـايىـپ كۆرۈنۈش شەكىللىنىدۇ. پاقىلار جەڭ قىلمىغانىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆلىـدۇ؟ كـۆپـچـىـلـىـكـكـە مەلۇمكى، پاقىلارنىڭ سوقۇشىدىغان قورالى يوق، بىر پاقىنىڭ يـەنـە بىر پاقىنى زەخىملەندۈرۈشىمۇ مۇمكىن ئەمـەس. پـاقىلارنىـڭ ئۆلـۈشـىـدە مۇنداق بىرقانچە ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن: چىـشـى پـاقـا قـورسـىقىـدا تۇخۇم بولغاچقا كالامپايراق بولىدۇ، ئۇنى بىرنەچـچـە ئەركەك پـاقـا چـىـڭ قۇچاقلىۋالسا تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ؛ پاقىلارنىڭ ئۈچـەكـتـىـن كېيىنكى تەن ساپاسى ناچارراق بولىدۇ، بەزىلىرى چـېـتـىـشـىـپ تـۇخـۇم تۇغۇش جەريانىدا زىيادە ماغدۇرسىزلىنىپ ئۆلىدۇ؛ چار پاقا مـەلۇم خـىـل غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا ئاق رەڭدىكى زەھەرلىك شىلىـمـشـىـق سـۇيـۇقـلـۇق ئاجرىتىدۇ، بۇ خىل سۇيۇقلۇق ئادەم بەدىنىگە زىـيـان قـىـلـمـايـدۇ، بـىـراق، پاقىلار ئۇنىڭغا تەگسە زەھەرلىنىپ ئۆلۈشى مۇمكىن. يۇقىرىقىلار قىياستىن ئىبارەت، خالاس. بۇنىڭدىكى ھەقىقىي سەۋەب تېخى ئىسپاتلانمىدى.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلاردىكى سىرلار