لالما چاشقاننىڭ ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىۋېلىشىدىكى سىر
ھايۋاناتلاردىكى سىرلار
شىمالىي ياۋروپادىكى نورۋېگىيە، شۋېتسىيە قاتارلىـق جـايلاردا بـىـر خىل لالما چاشقان ياشايدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى چاغلاردا ئېگىز تاغلارنىڭ ئىچكىـرى قىسمىدا ماكانلىشىدۇ، ئاساسلىقى دەرەخ يىلتىزى، ئوت - چـۆپ غـولـى، مـۇخ قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. يېمەكلىك ئىنتايىن كەمـچـىـل بـولـغـان ئاپەت يىللىرىدا ئۇلار زور كۆلەمدە كۆچىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سـانـى نـەچـچـە يۈز مىڭغا، ھەتتا نەچچە مىليونغا يېتىـدۇ. بـۇ لالما چـاشـقـانلار بـېـسـىـپ ئۆتكەن جايلار قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، يول بويىدىكى ئۆسۈمـلـۈكلـەر تامام قىرىلىدۇ، ئېتىزدىكى زىرائەتلەرمۇ نابۇت بولىدۇ.
لالما چاشقانلار توپى كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشتە ئاساسلىـقـى كـېـچـىـدە يـول يۈرىدۇ. ئۇلار كۈنـدۈزى ئوزۇقـلـىـنـىـدۇ، دەم ئالـىـدۇ، كـېـچـىـسى تـاغ - دەريالاردىن ئۆتىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلار بىرلا تەرەپكە قـاراپ ئۇدۇل ئىلگىرىلەيدۇ. دەريا يـاكـى كـۆلـچەككە دۇچ كـەلـگـەنـدە ئالـدىـدا كېتىۋاتقان لالما چاشقانلار دەريا ۋە كۆلچەكلەرنى گەۋدىسـى بـىلەن تولدۇرۇپ، ئارقىدا كېلىۋاتقان لالما چاشـقـانلارنـىـڭ تاپلىرىنى دەسسەپ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ كۆرۈنـۈش ئىنتايىن ھەيۋەتلىك.
لالما چاشقانلار كەڭ كۆلەمدە كۆچكەندە، ھەمىشە بۆرە ۋە قۇماينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، بۇ چاغدا ئىت ۋە مۈشۈكلەرمۇ جەڭگە قاتنىشىدۇ، لېـكـىـن لالما چاشقانلار توپى بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، قورقۇپمۇ قالمـايـدۇ، داۋامـلـىـق مېڭىۋېرىدۇ، ئاخىرىدا، غايەت زور لالما چاشقانلار قوشۇنى دېڭـىـز بـويـىـغـا كېلىپ ھېچنېمىگە قارىماستىن، ئۆزلىرىنى دېڭىزغا تاشلايدۇ.
يېمەكلىكنىڭ قىـس بـولـۇشـى لالما چـاشـقانلارنىـڭ كـەڭ كـۆلـەمـدە كۆچۈشىدىكى سـەۋەب. بـىـراق، ئۇلار نـېـمـە ئۈچـۈن ھېچنېمىگە قارىماي دېڭىزغا قاراپ يۈگۈرۈپ، ئۆلۈم يولىنى تـاللايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن باشقا جايلارغا بېرىپ ھاياتلىق يـولـى ئىـزدىـمـەيـدۇ؟ بـۇ خىل غەلىتە ھادىسىگە ھازىرغىچە تېخى قانائەتلىنەرلىك ئىزاھات بېرىلمىدى.