UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلاردىكى سىرلارپىل قەبرىستانلىقىدىكى سىر

پىل قەبرىستانلىقىدىكى سىر

ھايۋاناتلاردىكى سىرلار قەدىمدىن تارتىپلا پىل ئۆلۈشتـىـن ئىـلـگـىـرى ئۆزلىرىـنـىـڭ مـەخـپـىـي قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئەجىلىنى كۈتىدۇ، دېگەن گەپ بار. يېرىم ئەسىردىـن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مەلۇم ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى ئافرىقىدىكى قـويـۇق ئورمانلىقتا بىر ئۆڭكۈرنى بايقىـغـان، ئۇنـىـڭ ئىـچـىـدە پـىـل چـىـشـى ۋە پـىـل سۆڭەكلىرى دۆۋىلىنىپ كەتكەن. بۇ خەۋەر دۇنيانى زىلزىلىگە سـالـغـان، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۆڭكۈر پىل قـەبـرىـستانلىقى بـولـۇشـى مـۇمكـىـن، دەپ قارىغان. كىشىلەر ھەمىشە قىممەت باھالىق پىل چىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يـاۋا پـىـلـنـىـڭ ماكانى بولغان ئافرىقىدىكى قويۇق ئورمانلارغا كىرىپ پىل قەبرىـستانلىقىنى ئىزدەيدۇ. ئافرىقىدىكى مەلۇم يەرلىك قەبىلە باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچـە، ئۇ بـىـر قېتىم ئوۋغا چىقىپ يولدىن ئېزىپ قالغان، يولدا يوغان بىر ئۆڭكۈرنى بايقىـغـان، ئۆڭكۈر ئىچىدە سۆڭەكلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن، ئۇ يەنە يوغان بىر پىلنىڭ شـۇ يەرگە كىرىپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئاڭلىماققا بۇ پىللارنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئوخشىسىمۇ، بىراق كېيىنچە بەزىلەر قـەبىلە باشلىقى كۆرسەتكەن يول بىلەن ئىزدەپ بېرىپ ھېچ نەرسىنى تاپالمىغان. ياۋا پـىـل ئادەتـتـە تـەبـىئىـي قـېـرىـپ ئۆلـىـدۇ، بـىـراق كـىـشـىـلـەر ئورمانلىقلاردىن ئۇلارنىڭ تاپلىرىنى تاپالمايدۇ، پىلنىڭ سۆڭەكـلـىـرىـمـۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بەزى ئالىملار پـىـل مـەلـۇم بـىـر جايغا توپلىشىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمـكـىـن، دەپ قارايدۇ. بـىـراق، ئۇلار پىللارنىڭ نېمە ئۈچۈن توپلىشىـپ ئۆلىدىغانلىقـىنـى چـۈشـەنـدۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. پىل ئۆلۈشتىن ئىلگىرى قەبرىستانلىقنى قانداقلارچە تاپـالايـدۇ؟ بەزى زوئولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئۆلگەن پىلنى پىل توپى كوللېكتـىـپ دەپـنـە قىلىدىكەن. بىراق، نېمە ئۈچۈن پىل قەبرىستانلىقىنى تاپقىلى بولمايدۇ؟
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلاردىكى سىرلار