ياۋايى ھايۋاننىڭ ئادەم بالىسىنى بېقىشىدىكى سىر
ھايۋاناتلاردىكى سىرلار
بۆرە، ئېيىق ۋە يىلپىز ئادەم يەيدىغـان ۋەھـشـىي ھـايـۋان، بـىـراق ئۇلار بەزىدە ئادەم بالىلىرىنى بېقىۋالىدۇ. بۇنداق غەلىتە ئىش دۇنيـادا كـۆپ قـېتـىـم يـۈز بەرگەن. ئىلگىرى بىر مەھەل زىلزىلە قوزغىغان ھىندىستـانـلـىـق بـۆرە بالا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مىسال.1920
- يىلى ھىندىستاندىكى كالكـۇتـتـا شەھىرىنىڭ شـەرقـىـي شـىـمـالـىـغـا جايلاشقان مىدناپور دېگەن شەھەرچىدە كىـشـىـلـەر سـىـرلـىـق بـىـر جانىۋارنىڭ ئەتراپتىكى ئورمانلىقتا ئارىلاپ پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. كەچ كىرىشى بىلەنلا ئۆمىلەپ يول يۈرىدىغـان، ئادەمـگـە ئوخـشـاش مـەخـلـۇق ئۈچ بۆرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈرىدىكەن. كېيىنچە، كـىـشـىـلـەر بـۆرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەمدە بۆرە ئۇۋىسىدىن ھېلىقىدەك »مەخلۇق« تىن ئىككىنى تاپقان. بۇلار ئەسلىدە يالىڭاچ قىزچاقلار بولۇپ، چوڭى يەتتە - سەككىز ياشلاردا، كىچىـكـى ئاران ئىككى ياشتا ئىكەن. بۇ ئىككى قىز يېتىم بالىلار ساناتورىيىسىگە ئاپىرىپ بېرىـلـگـەن، ئۇلارنىڭ چوڭىغا كامايا، كىچىكىگە ئامايا دەپ ئىسىم قويۇلغان. ئىككىنچى يىلى ئامـايـا ئۆلۈپ كەتكەن، كامايا16 ياشقىچە ياشىغان.
بۆرە بالا ۋەقەسىگە ئوخشاش ئىشلار كېيىن كۆپ قېتىم يـۈز بـەرگـەن، ھىندىستان ھەمدە باشقا دۆلەتلەردە ئېيىق بالا، يىـلـپـىـز بـالا، قـوي بـالا، مايمۇن بالا قاتارلىق غەلىتە ۋەقەلەر كۆرۈلگەن.1988 - يىلى گېرمانىيىدىكـى مەلۇم چوڭ شەھەردە ئىت بالا ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بىر جۈپ ئەر - خوتـۇن خىزمەت سەۋەبىدىن دائىم سىرتلاردا يـۈرگـەن، ئۆيـگـە تـاشلاپ قويۇلغان بالىنى ئائىلىدىكى قانجۇق باقـقـان، كېـيىـن بـۇ بـالـىـنـىـڭ تۇرمۇش ئادىتى ئىتنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەن.
ياۋايى ھايۋانلار نېمە ئۈچۈن ئادەم بالىسىنى بېقىۋالىدۇ؟ كىشىلەر بۇنـى كۆپ خىل چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خـىـلىدا مۇنداق دەپ قارالغان: ياۋايى ھايۋانلار، بولۇپمۇ چىشى بۆرە، چىشى يىلپىـزغـا ئوخشاش ئانىلىق تەبىئىتى كۈچلۈك ھايۋانلار بالىسىدىن ئايرىلـىـپ قالغاندىن كېيىن، ئانىلىق تەبىئىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئادەم بالىـلـىـرىـنـى بۇلاپ كېلىپ بېقىشى مۇمكىن. مەسىلەن،1920 - يىلى ھىندىستاندىكى مىـز كاتچار كەنتىدىكى بىر ئوۋچى ئىككى يىلپىز بالىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇلارنى كەنتكە ئېلىپ كەتكەن، ئويلىمىغان يەردىن، چىشى يىـلـپـىـز ئوۋچـىـنـىـڭ ئارقىسىدىن كەنتكە كېلىپ ئىككى ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالىنى ئۆڭـكـۈرگـە ئەكېتىپ باققان. ئۈچ يىلدىن كېيىن كىشىلەر چـىـشـى يـىلپىزنـى ئېتىـپ ئۆلتۈرۈپ بۇ ئوغۇل بالىنى تاپقاندا ئۇ بەئەينى كىچىك يىلـپـىـزغـا ئوخـشـاپ قالغان. يەنە بىر خىلىدا مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: بالىلار بۆرە ۋە باشـقا ھايۋانلارنىڭ پۇرىقى بار دالىغا تاشلىۋېتىلگەچكە، چىشى بۆرە بالىلارنى ئۆزۈمنىڭ كۈچۈكلىرى، دەپ خاتالىشىپ باققان.
گېرمانىيىلىك مەشھۇر زوئولوگ خېرسىمىگ بۆرىنىڭ ئادەم بالىسىنى باققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىشەنچلىك ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ تا ھازىرغىچە ئىلمىي جاۋابى تېپىلمىدى.