UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلاردىكى سىرلارھايۋانلارنىڭ ئۈچەككە كىرىش سىرى

ھايۋانلارنىڭ ئۈچەككە كىرىش سىرى

ھايۋاناتلاردىكى سىرلار ئۈچەككە كىرىش ھايۋانلارنـىڭ سـوغۇقـقـا تـاقابىـل تۇرۇپ، ھاياتىنى ساقلىشىدىـكـى ئالاھىدە ماھارىتى. ئۇلار ئۈچەككـە كىرگەندە، نەچچە ئاي يېمەي - ئىچمىسىمۇ ئاچلىقتىن ئۆلـمەيدۇ. ئادەمـنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى چىشى ئېيىق قىشلىق ئۈچەك مەزگىلىدە تۇغىدۇ. ئالىملار ھايۋانلارنىڭ ئۈچەككە كىرىش ھادىسىسىـنـى نـەچـچـە ئەسىر تەتقىق قىلدى. ئۇلار ھـايـۋانلارنـىـڭ تـېـرە قـەۋىـتـى ئاسـتـىـدا ئاق رەڭلىك ماي قەۋىتىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ بەدەندىكى ئىسسىـقـلىقنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۈچەككە كىرىدىغان ھايۋانلارنىڭ تاغاق سۆڭىكى ۋە تۆش سۆڭىكىنىڭ ئەتـراپـىدا قـوڭۇر رەڭلىك ماي بولىدۇ. بۇ مايلار توك ئەدىيالغا ئوخشاش ئاق مايغا قارىغاندا ئىسسىقلىقنى20 ھەسسە تېز ھاسىل قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇھىت تېمپېراتۇرىسى قانچە تۆۋەن بولسا، ئىسسىقلىقنى شۇنچە تېز ھاسىل قىلىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە ئۈچەككـە كـىـرىدىغان ھايۋانلارنىڭ سەزگۈ ھۈجەيرىسى چوڭ مـېـڭـىـگە ئۇچۇر يـوللاپ، قـوڭـۇر مايدىكى سىمپـاتىـك نـېـرۋىلارنـى غـىـدىـقلايـدۇ، بـۇنىـڭ بـىـلـەن ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىـسـى تـوڭلاپ ئۆلۈپ قالمايدىغان سەۋىيىنى ساقلاپ قالىدۇ. كىشىلەر ھايۋانلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشـنـى چۈشىنىپ يەتتى. لېكىن، ھايۋانلارنىڭ ئۈچەككـە كـىـرىـشىـنىڭ سەۋەبى زادى نـېـمە؟ قارا ئېيىق ئۈچەككە كىرىشتىن تەخمىنەن بىـر ئاي ئىلگىرى بىر كۈندىكى24 سائەتنىڭ20 سائىتىدە ئوزۇقـلـىـنـىـدۇ، ھـەر كـۈنـى قـوبـۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىقى7000 كالورىيىدىن20 مىڭ كالورىيىگە كۆپـىـيـىـدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ100 قاداقتىن ئېشىپ كېتىـدۇ. بـۇلارنـىـڭ ھـەمـمـىـسـى ھايۋانلارنىڭ ئۈچەككە كىرىشىدىكى بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىـل ھورموننىڭ تىزگىنلىشىدە بولۇشى مۇمكىن، دېمەك، ئۈچـەكـكـە كىرىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېنىـدە تـەبـىئىـي ئۈچەكـكە كـىـرىـشـنـى پـەيـدا قىلىدىغان ماددا بولىدۇ. ئالىملار يۇقىرىقى قىياسنى ئىسپاتلاش ئۈچـۈن سـېـرىـق چـاشـقـان ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇلار ئۈچەككە كىرگەن سېرىق چاشقاننـىـڭ قېنىنى ھەرىكەت قىلىۋاتقان سېرىق چاشقـانـنـىـڭ ۋېناسىغا ئوكۇل قىلغان، ئاندىن ئۇلارنى ℃ 7 لـۇق سوغۇق ئۆيگە ئەكىرىپ قويغان. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن بۇ چاشـقـانلار ئۈچەككە كىرگەن . بۇ تەجرىبە ئۈچەككە كـىـرىـشـنـى پـەيـدا قىلىدىغان ماددىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كىشىلەر ئۈچەككە كىرگەن ھايۋانلارنىڭ قېنىـدىـن قان زەردابى ۋە قان ھۈجەيرىلىرىنى ئايرىپ چـىـقـىـپ، ئىـكـكـى گـۇرۇپـپـا سېرىق چاشقانغا ئايرىم - ئايرىم ئوكۇل قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ چاشقـانلار ئۈچەككە كىرگەن. ئاندىن قـان زەردابـىـنى سـۈزۈۋالـغـانـدىـن كـېـيـىـن ئېرىشكەن سۈزۈلمە ماددا ۋە قالدۇق ماددىلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سـېـرىـق چاشقانلارغا ئوكۇل قىلغان. نەتىجىدە، سۈزۈلگەن ماددىلارنىڭلا قىشلىـق ئۇيـقـۇنى پـەيـدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. كىشىلەر بۇنىـڭـدىـن قان زەردابىدىكى ئىنتايـىـن ئۇشـشـاق مـاددا قىشلىق ئۇيقۇ پەيدا قىلالايدىكەن، دېـگـەن ئويـغـا كەلگەن. قىزىقارلىقى، ئۈچەكتىكى سـۇغـۇردىن ئېلىنغان قـان زەردابـىـنـىـڭ سېرىق چاشقاننى ئۈچەككە كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولۇپ، مەيلى قىش كۈنلىرى ياكى ياز كۈنلىرى بولسۇن، سېرىق چاشقانـنـى ئۈچەككە كىرگۈزەلەيدىكەن. كىشىلەر بۇنىڭدىن قىشلىق ئۇيقۇ پەيدا قىلغۇچى ماددىغىلا ئەمەس، بەلكى پەيدا قىلغۇچى ماددا بىلەن پەيدا بولۇشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرگىمۇ باغلىق، دېگەن دەسلەپكى خۇلاسىگە كەلگەن. ھايۋانلار پـەيـدا قـىـلـغۇچى ماددىنى يىل بويى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھالبـۇكـى، پـەيـدا بـولۇشـقـا قارشى تۇرغۇچى ماددا ئەتىياز پەسلىدىلا ھـاسـىـل بـولـىـدۇ. كـۈز، قـىـش پەسىللىرىدە پەيدا قىلغۇچى ماددىلار كۆپىيىپ، ھـايـۋانلارنـىـڭ ئۈچەككە كىرىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ؛ ئەتىياز پەسـلـىـگـە كـەلـگـەنـدە، پـەيـدا بولۇشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا كۆپىيىپ، پـەيـدا قـىـلغۇچى ماددىنى تىزگىنلەيدۇ. نەتىجىدە، ھايۋانلار قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئۈچەككە كىرىشى توغرىسىدىكى تـەتـقـىـقـاتلاردا بەزى ئىلگىرىلەشلەر بولدى. شۇغىنىسى، نۇرغۇن سىرلار تېخى ئېچىلمىدى.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلاردىكى سىرلار
ھايۋانلارنىڭ ئۈچەككە كىرىش سىرى | UyghurWiki | UyghurWiki