جۈپ راك
ھايۋاناتلار دۇنياسى
جۈپ راك بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار ئىچىدىكى قاسىراقلىقلارغا تەۋە ھايۋان، دۆلىتىمىزنىڭ خۇاڭخەي، بوخەي دېڭىزلىرىدىكى مۇھىم بېلىقچىلىق بايلىقلىرىنىڭ بىرى. تېنى چوڭ، ئۆتمۈشتە جۈپ - جۈپ قىلىپ ساتىدىغانلىقى ئۈچۈن جۈپ راك دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تېنى سۈزۈك، پارقىراپ تۇرىدۇ، شۇڭا سۈزۈك راك دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
جۈپ راك ئىللىق دېڭىزدىن پەيدا بولغان، گەرچە سۇ تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىغان ياز، كۈز پەسىللىرىدە بوخەي دېڭىزى قولتۇقىدا ياشىيالىسىمۇ ۋە كۆپىيەلىسىمۇ، لېكىن سوغۇق قىش پەسلىدە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ ℃10 قا چۈشكەندە ھاياتى ۋە ھاياتلىق پائالىيەتلىرى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، جۈپ راك ھەر يىلى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز ئاستى سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان جايغا كۆچۈپ بېرىپ قاتتىق سوغۇقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇ خىل قانۇنىيەتلىك كۆچۈش يۇقىرى ئېقىمغا كۆچۈش دەپ ئاتىلىدۇ.
جۈپ راكنىڭ راك توپى قىشتىن ئۆتۈش ۋاقتىدا تارقاقلىشىدۇ، ئوزۇقلۇق تۇتمايدۇ، ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ. قىشلايدىغان ئورنىدا ئىككى ئايدىن كۆپ مۆكۈنۈپ ياشىغاندىن كېيىن، سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجىي كۈچىيىدۇ، كۆپىيىش بېزىمۇ تەدرىجىي يېتىلىدۇ. ھەر يىلى3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تارقاقلىشىپ قىشلىغان جۈپ راكلار ئارقا - ئارقىدىن يىغىلىپ، توپلىشىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىدۇ. ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ1000 چاقىرىمغا يېقىن يول يۈرۈپ، دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن تېيىز دېڭىزغا بېرىپ، تارقاقلىشىپ تۇخۇم تۇغۇپ، ئەۋلاد كۆپەيتىدۇ. تۇخۇم تۇغۇش سورۇنىنى ئىزدەپ ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل يۇقىرى ئېقىمغا (قايتىپ) كۆچۈش كۆپىيىش ئۈچۈن كۆچۈش ياكى تۇخۇم تۇغۇش ئۈچۈن كۆچۈش دەپ ئاتىلىدۇ. چىشى راك ئۇزۇن مۇساپىلىك سەپەر قىلىپ، چارچاپ ھالىدىن كەتكەچكە، تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن كۆپ ساندىكىلىرى ئۆلۈپ كېتىپ، پەقەت ئاز ساندىكى جىسمانىي قۇۋۋىتى بىرقەدەر كۈچلۈكلىرى داۋاملىق ھايات قالىدۇ.
تۇخۇمدىن يېڭى چىققان كىچىك راكلار9 −10 - ئايلاردا يېتىلىپ يېتىلگەن راكقا ئايلىنىدۇ. ئۇلار يېتىلىش جەريانىدا، تېنىنىڭ تۈزۈلۈشىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ،20 نەچچە قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن ئاندىن يېتىلگەن راكقا ئايلىنىدۇ. ئەركەك راكنىڭ جىنسىي بېزى شۇ يىلى يېتىلىپ، چىشى راكلار بىلەن چېتىشىدۇ، چىشى راك ئىككىنچى يىلى تۇخۇم سېلىپ كۆپىيىدۇ.
جۈپ راكتا تېنىنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككى تال ئىنچىكە ئۇزۇن سېزىش بۇرۇتى بار بولۇپ، ئەتراپىدىكى سۇنىڭ ئەھۋالىنى سېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. كۆكرەك قىسمىنىڭ مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان، يۇقىرى ئېقىمغا كۆچۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. قورساق قىسمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچىدا بىر يەلپۈگۈچكە ئوخشايدىغان قۇرۇلمىسى − قۇيرۇق يەلپۈگۈچى بار بولۇپ، تېنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا تايىنىپ جىددىي ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قېچىپ، دۈشمىنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. جۈپ راكنىڭ تېنىنىڭ رەڭگى تېنىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. راك تېنىدىكى پىگمېنت يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېرىش نۇقتىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئاستاتسىن (راك قىزىل ماددىسى) ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، سۇدا پىشۇرۇلغان راك قىزىل بولىدۇ.
جۈپ راكنىڭ گۆشى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول، ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇشتىكى مۇھىم ئوبيېكت قىلىنىدۇ، ھازىر كۆپ مىقداردا سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىدىغان بولدى.