UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىھايۋانلارنىڭ قۇلىقى

ھايۋانلارنىڭ قۇلىقى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدە قۇلاق بولسىمۇ، لېكىن شەكلى ۋە جايلىشىش ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ. مېدۇزا ئادەم قۇلىقى ئاڭلىيالمايدىغان ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنى ئاڭلىيالايدۇ. ئۇنىڭ كۈنلۈككە ئوخشايدىغان گىرۋەكلىرىدە «قۇلاق» قا ئوخشاپ كېتىدىغان سېزىش شارچىلىرى بولىدۇ، سېزىش شارچىسى ئىچىدە كالتسىيلىق تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى تېشى بولىدۇ. بوران - چاپقۇن يېتىپ كېلىش ئالدىدا بىر خىل ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنى پەيدا بولىدۇ. مېدۇزا ئاشۇ كىچىك تاشقا تايىنىپ ئۇنى ئاڭلىيالايدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن بىمالال قېچىپ قۇتۇلالايدۇ. نۇرغۇن ھاشاراتلار «قۇلىقى» نىڭ جايلاشقان ئورنى ناھايىتى ئالاھىدە بولىدۇ. چىۋىننىڭ ئاڭلاش ئەزاسى قانىتىنىڭ تۈۋى قىسمىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلىشىدۇ؛ سەرەتان ۋە قارا چېكەتكىنىڭ «قۇلىقى» ئالدى پۇتىنىڭ پاقالچاق بوغۇمىغا جايلىشىدۇ؛ تومۇزغىنىڭ «قۇلىقى» بولسا قورسىقىنىڭ ئاستى تەرىپىگە جايلىشىدۇ. ھاشاراتلار ئىچىدە پەقەت قارا چېكەتكە، توپىرەڭ چېكەتكە، چېكەتكە، تومۇزغا ۋە كۆپ ساندىكى پەرۋانىلەردىلا «داپ پەردە» (قۇلاق پەردىسى) گە ئوخشاش ئاڭلاش ئەزاسى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار باش قىسمىغا جايلاشماستىن، بەلكى پۇتىغا ياكى تېنىنىڭ ئىككى يان تەرىپىگە جايلىشىدۇ. بېلىقلاردا بىرقەدەر ياخشى ئاڭلاش سېزىمى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاۋاز ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ. بېلىقتا پەقەت ئىچكى قۇلاق بار بولۇپ، باش سۆڭىكى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بېلىقنىڭ يان تەرەپ سىزىقچىسىنىڭمۇ «ئاڭلاش» رولى بولۇپ، بېلىقلارنىڭ ئالاھىدە ئاڭلاش ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. قوش ماكانلىقلار ئىچىدىكى پاقىنىڭ قۇلىقى قۇلاق پەردىسى (داپ پەردە)، ئوتتۇرا قۇلاق، ئىچكى قۇلاق قاتارلىقلارغا دىففېرېنسىيىلەنگەن، شۇڭا، ئاڭلاش سېزىمى بىرقەدەر ئۆتكۈر. يىلاننىڭ قۇلىقى بېلىقلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا پەقەتلا ئاڭلاش سۆڭىكى ۋە ئىچكى قۇلاق بولىدۇ، شۇڭا يىلان ھاۋادا تارقالغان ئاۋازنى ئاڭلىيالماي، يەر يۈزىدىكى تەۋرەنگەن ئاۋازنىلا ئاڭلىيالايدۇ. «ئوت ئورىمەن دەپ يىلاننى ئۈركۈتۈپ قويماق» دېگەن سۆز مۇشۇ سەۋەبتىن چىققان. بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك قۇلاق سۇپۇرىسى بار بولۇپ، ھەممىسى ھاۋا، يەر يۈزى ياكى سۇ قاتارلىقلاردىن كەلگەن ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تەۋرىنىشىنى قوبۇل قىلالايدۇ. شەپەرەڭ، چوڭ قۇلاق تۈلكە، پروتېلېس (سېرىق بۆرە) قاتارلىقلارنىڭ قۇلاق سۇپۇرىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىنتايىن بوش ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ. مۈشۈكنىڭ قۇلىقىمۇ ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ، ئۇ مۈگدىگەندە، قۇلىقىنى دائىم ئالدى پۇتىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى يەرگە چاپلاپ يېتىپ، چاشقان مېڭىپ ئۆتكەن ھامان، دەرھال ئويغىنىدۇ. ھاۋادا ئۇچىدىغان شەپەرەڭمۇ بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئۇ كېچىسى ھاشارات تۇتۇشتا كۆزىگە تايانماستىن، بەلكى نەرسە »كۆرەلەيدىغان« بىر جۈپ قۇلىقىغا تايىنىدۇ. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شەپەرەڭنىڭ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ نەرسىلەرنى «كۆرەلەيدىغان» لىقىنى بىلگەن. ئەمما، تەبىئەت ئاجايىپ بولىدۇ، شەپەرەڭدە گەرچە دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋاز پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، لېكىن بەزى ھاشاراتلار مەسىلەن، تۈن پەرۋانىسى يەنىلا ئۇنىڭ قوغلاپ تۇتۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ. تۈن پەرۋانىسىنىڭ كۆكرەك - قورساق ئارىلىقىدىكى بىر خىل ئاجايىپ «قۇلىقى» − داپ پەردە ئاپپاراتى شەپەرەڭ چىقارغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنى30 مېتىر ئارىلىقتىن «ئاڭلىيالايدۇ» ھەمدە تېزدىن ھۆكۈم چىقىرىپ بىمالال قاچالايدۇ. ئەگەر شەپەرەڭنى «تىرىك رادار» دەپ ئاتىساق، ئۇنداقتا تۈن پەرۋانىسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى «رادارغا قارشى» قۇرۇلما بولغان بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ قۇلىقى، مەسىلەن، ئۆي توشقىنىنىڭ قۇلىقى تاشقى قۇلاق، ئوتتۇرا قۇلاق، ئىچكى قۇلاقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. تاشقى قۇلاق قۇلاق سۇپۇرىسى ۋە تاشقى قۇلاق يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاۋازنى يىغالايدۇ؛ ئوتتۇرا قۇلاق ناغرىخانا (ئوتتۇرا قۇلاق بوشلۇقى)، ئۈچ پارچە ئاڭلاش سۆڭىكى (بولقا سۆڭەك، سەندەل سۆڭەك، ئۈزەڭگە سۆڭەك) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ، داپ پەردە قوبۇل قىلغان ئاۋاز دولقۇنىنى چوڭايتىپ ئىچكى قۇلاققا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئىچكى قۇلاقتا ئۈچ دانە يېرىم ئايلانما نەيچە ۋە بىر دانە قۇلاق قۇلۇلە نەيچىسى بار بولۇپ، ئاۋاز سېزىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قۇلاق قۇلۇلە نەيچىسى ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاۋاز دولقۇنى ئاڭلاش نېرۋىسى ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھايۋانلارنىڭ قۇلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki