UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىقۇشخور ئۆمۈچۈك

قۇشخور ئۆمۈچۈك

ھايۋاناتلار دۇنياسى قۇشخور ئۆمۈچۈك ئۆمۈچۈكلەر ئىچىدىكى «گىگانت» بولۇپ چوڭ - كىچىكلىكى مۇشتۇمدەك كېلىدۇ (يەنى5 ~15 سانتىمېتىر)، تۆت پۇتىنى يايسا تېنىنىڭ كەڭلىكى20 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدىغانلىقى ئۈچۈن قۇشخور ئۆمۈچۈك دەپ نام ئالغان. قۇشخور ئۆمۈچۈك تەبىئەتتىكى ماھىر ئوۋچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا يىپ پۈركۈپ چىقىرىپ تور توقۇشتەك ئۆزگىچە ماھارەت بار بولۇپ، قەدىمىي دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا يېپىشقاقلىقى ناھايىتى كۈچلۈك تور توقۇيدۇ، تورغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىچىك قۇش، پاقا، كەسلەنچۈك ۋە باشقا ھاشاراتلار چۈشۈپ قالسا مۇقەررەر ھالدا قۇشخور ئۆمۈچۈكنىڭ يېمى بولىدۇ. قۇشخور ئۆمۈچۈك ئادەتتە كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ، كۈندۈزى تورنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئۇۋىسىدا ياكى دەرەخ يىلتىزلىرى ئارىلىقىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. ئوۋ تورغا چۈشكەن ھامان ئېتىلىپ كېلىپ، ئوۋنى تۇتۇۋېلىپ، زەھەر سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئوۋنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ئۇ، ئىنتايىن ۋەھشىي بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارمۇ ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. قۇشخور ئۆمۈچۈك توقۇغان تور300 گرام ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى كۆتۈرەلەيدۇ.1975 - يىلى مېكسىكىدا بىر چوڭ دەرەخنىڭ بىرقانچە شېخىنى بىر غايەت چوڭ ھەم كۆپ قەۋەتلىك ئۆمۈچۈك تورى قاپلىۋالغانلىقى بايقالغان، ئەڭ چوڭ تور3 .18 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوڭ دەرەخ شاخلىرىنىڭ4 /3 قىسمىنى توسۇپ ئالغانىكەن. تېنى قىزغۇچ تۈكلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان قۇشخور ئۆمۈچۈك دۈشمىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا پۇتلىرى بىلەن قورساق قىسمىدىكى تۈكلەرنى سۈرتۈپ چۈشۈرۈۋېتىدۇ. بۇ تۈكلەر دۈشمىنىگە يېپىشىپ قالسا ھەم قىچىشتۇرىدۇ، ھەم ئاغرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۈشمىنى يەنە قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. قۇشخور ئۆمۈچۈكنىڭ بېشىدا سەككىز كۆزى بولىدۇ، شۇڭا «سەككىز كۆزلۈك ئۆمۈچۈك شاھى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى ناھايىتى ئېغىر. قۇشخور ئۆمۈچۈكنىڭ بېشىدىكى ئاغزىنىڭ گىرۋىكىدە خۇددى ئامبۇرغا ئوخشاش بىر جۈپ كۈچلۈك قىسقۇچى چىشى بار بولۇپ، ئەركىن ئايلىنالايدۇ، قىسقۇچى چىشىنىڭ تۆۋەن تەرىپى زەھەرلىك بەز بىلەن تۇتىشىدۇ، زەھەر سۇيۇقلۇقىنى قىسقۇچى چىشىنىڭ ئۇچىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرى قۇشخور ئۆمۈچۈكنىڭ ماكانى. ئۇ يالغۇز ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ، ئادەتتە10 نەچچە يىل ھەتتا30 يىل ياشىيالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
قۇشخور ئۆمۈچۈك | UyghurWiki | UyghurWiki