UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىھايۋانلارنىڭ ئاغزى

ھايۋانلارنىڭ ئاغزى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھايۋانلارنىڭ ئاغزى (چىشلىرى ۋە تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىپتىدائىي ھايۋانلاردا چىش ۋە تىل بولمايدۇ. ئوزۇقلىنىش ۋاقتىدا تېنىدىن يالغان پۇت چىقىرىپ ئوزۇقلۇقنى ئورىۋېلىپ، تېنىگە كىرگۈزۈپ ئوزۇق ھەزىم قىلىش ۋاكۇئولىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تۇفېلكا تېنىنىڭ يان تەرىپىدىكى ئېغىز ئېرىقچىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى كىرپىك تۈكچىلىرىنى تەۋرىتىشكە تايىنىپ، سۇ ئېقىنىنى تېزلىتىپ بىر قاينام ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇقلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاغزىغا كىرگۈزىدۇ. ھاشاراتلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەزاسى ئېغىز ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ بەش خىلغا بۆلۈنىدۇ. چېكەتكە، قارا چېكەتكە قاتارلىقلارنىڭ ئېغىز ئاپپاراتىدا ئۈستۈنكى كالپۇك، ئاستىنقى كالپۇك، ئۈستۈنكى تاڭلاي، ئاستىنقى تاڭلاي، تىل ۋە ئۆتكۈر چىشلىرى بار بولۇپ، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ماسلاشقان، ئۇ چاينىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ؛ پاشا قاتارلىقلارنىڭ ئېغىز ئاپپاراتىدا ئۆتكۈر ئېغىز يىڭنىسى بولۇپ، ئۇنى ھايۋان، ئۆسۈملۈك تېنىگە سانجىپ كىرگۈزۈپ، شىرنىلەرنى شورايدۇ. ئۇ سانجىپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى دېيىلىدۇ؛ كېپىنەك، پەرۋانىلەرنىڭ ئېغىز ئاپپاراتى يالماپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى خۇددى سائەتنىڭ پۇرژىنىسىغا ئوخشايدۇ. ئۇ، ئىچى كاۋاك يالماپ شوراش نەيچىسى بولۇپ، ئادەتتە ئىشلەتمىگەندە يۆگىلىۋالىدۇ، كېپىنەك گۈلگە قونغاندا ئۇزۇن يالماپ شورىغۇچى نەيچىسى يېيىلىپ، گۈلنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئۇزىراپ كىرىپ گۈل شىرنىسىنى شورايدۇ. چىۋىننىڭ ئېغىز ئاپپاراتى ئاستىنقى كالپۇكىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇچىدىكى كۆپۈپ چوڭايغان كالپۇك ياپراقچىسى يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى ماددىلارنى شورىيالايدۇ ياكى قەنتكە ئوخشاش بىرقەدەر يىرىك ماددىلارنى بىۋاسىتە يالىيالايدۇ، ئۇ، يالاپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئېغىز ئاپپاراتى ھەم ئوزۇقلۇقنى چايناپ ئېزىۋېتەلەيدۇ، ھەم ئوزۇقلۇقنى شورىيالايدۇ، شۇڭا ئۇ چايناپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەزاسى − ئېغىزى ئادەتتە ئۈستۈنكى كالپۇك، ئاستىنقى كالپۇك، ئۈستۈنكى تاڭلاي، ئاستىنقى تاڭلاي، تىل ۋە چىشلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىشى بىلەن تىلى مۇھىم ئوزۇقلىنىش ئەزاسىدۇر. بېلىقنىڭ تىلىدا ئۇستىخان بار بولۇپ، ئەركىن ئۇزىراپ قىسقىرىيالمايدۇ، ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋاقتىدا پەقەت ئوزۇقلۇقنى چىشلەپ تۇرۇشقىلا ياردىمى بولىدۇ. يېشىل پاقىنىڭ تىلىنىڭ تۈۋى تۆۋەنكى ئېڭىكىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، تىلى ئېغىز بوشلۇقىدىن ئۇزىراپ چىقىپ، ھاشارات بىرقەدەر يىراقتا بولسىمۇ تۇتالايدۇ. يىلان تىلىنىڭ ئۇچى ئاچىماق بولۇپ، ئەركىن ئۇزىراپ چىقالايدۇ، لېكىن ئۇ يىلاننىڭ ئوزۇقلۇق تۇتىدىغان قورالى بولماستىن، بەلكى «سېزىش قولى» بولۇپ، سېزىشچانلىقى ئۆتكۈر. قۇشلاردا ھەقىقىي چىش بولماستىن، مۈڭگۈزلەشكەن تۇمشۇقى بىلەن ئوزۇقلۇق يەيدۇ. قۇشلارنىڭ تىلى بىرقەدەر قاتتىق بولىدۇ ھەمدە مۈڭگۈز ماددىلىق پەردىسى ياكى ئۇستىخىنى بولۇپ، ئوزۇقلىنىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ چىشى ئۇدۇل (كۈرەك) چىش، قوزۇق چىش، ئېزىق چىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ئۇدۇل چىش ئىسكىنە شەكىللىك بولۇپ، ئوزۇقلۇقنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتەلەيدۇ؛ قوزۇق چىش ئۆتكۈر بولۇپ، ئوزۇقلۇقنى يىرتىپ پارچىلىيالايدۇ؛ ئېزىق چىش ئوزۇقلۇقنى چايناپ ئېزىپ يۇمشىتالايدۇ. ھەر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار چىشلىرىنىڭ سانى ئوخشاش بولمايدۇ، كالا، مايمۇن ۋە ئادەمنىڭ ئوخشاشلا32 تالدىن چىشى بولىدۇ؛ مۈشۈكئېيىقنىڭ40 تال، ئاق پالاقلىق دېلفىننىڭ130 تال چىشى بولىدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تىلى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرى كۆپ خىل. چۈمۈلىخور چۈمۈلىنى ئۇچراتقاندا دەرھال ئۇزۇن ئىنچىكە يېپىشقاق تىلىنى ئۇزارتىپ چىقىرىپ ئۇياق - بۇياققا بىر ئايلاندۇرۇپلا، نۇرغۇن چۈمۈلىنى يېپىشتۇرۇۋېلىپ ئاغزىغا سالىدۇ. مۈشۈك تىلىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئارقىغا قاراپ تەتۈر ئۆسكەن نۇرغۇن ئۆسۈمتىلىرى بولۇپ، سۆڭەككە يېپىشىۋالغان گۆش ئۇۋاقلىرىنى يالاپ يەيدۇ. كالا، زىراپىلەرنىڭ تىلى قولغا ئوخشاش ئەپچىل، چاققان بولۇپ، ئېغىزىنىڭ سىرتىغا ئۇزىراپ چىقىپ ئوت - چۆپنى يالماپ يۇتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى