UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسېرىق ياللىق مايمۇن

سېرىق ياللىق مايمۇن

ھايۋاناتلار دۇنياسى سېرىق ياللىق مايمۇن جۇڭگودا ئالاھىدە بار بولغان، دۇنيا بويىچە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى، دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانغا تەۋە، مەملىكەت بويىچە سانى ئاران60 نەچچە بولۇپ،19 ھايۋانات باغچىسىدا ئايرىم بېقىلماقتا. ئۇنىڭ تۇرقى غەلىتە، بېشى يۇمىلاق، قۇيرۇقى ئۇزۇن، يۈزى، بۇرنى كۆك، بۇرۇن تۆشۈكى يۇقىرىغا قاراپ تۇرىدۇ، مۈرە ۋە دۈمبىسىدىكى تۈكلىرى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلۇقى30 سانتىمېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، خۇددى بىر ساپسېرىق خۇرۇم پەلتوغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، سېرىق ياللىق مايمۇن دەپ ئاتالغان. سېرىق ياللىق مايمۇن ئادەتتىن تاشقىرى ھوشيار، دەرەخقە چىقىشقا ماھىر، دەرەخلەر ئارىسىدا خۇددى تۈزلەڭلىكتە يۈرگەندەك بەخۇدۈك ھەرىكەت قىلىدۇ، يۈگۈرۈشىمۇ تېز بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى50 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مۇقىم تۇرار جايى بولمايدۇ. ئادەتتە ئاساسەن دەرەختە ياشايدۇ، ئاندا - ساندا يەرگە چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى، دەرەخ يوپۇرمىقى، يۇمران بىخ، گۈل تاجلىرى، ياۋا مېۋە ۋە ئۇرۇق قاتارلىقلارنى يەپ ياشايدۇ، سوغۇق قارلىق تاغلاردىكى ئورمانلاردا ياشاشنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃10 لۇق سوغۇق كۈنلەردىمۇ قاردا ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەر يىلى4 -،5 - ئايلاردا ھاۋا ئىللىغاندا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2500 ~3000 مېتىر كېلىدىغان ئېگىز تاغلىق رايونلارغا كۆچۈپ بېرىپ، ئىسسىق يازنى شۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ. سېرىق ياللىق مايمۇن توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپىنچە بىرەر يۈزى توپلىشىپ كوللېكتىپ پائالىيەت قىلىدۇ. بىر توپ مايمۇن ئىچىدە تېنى بەستلىك، تەجرىبىسى مول بىر مايمۇن پادىشاھ بولىدۇ. مايمۇن پادىشاھىنىڭ ئورنى كەسكىن كۈرەشلەر ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدا تەڭدىشى يوق ھوقۇق بار بولۇپ، ھەممىسى ئۇنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ. مايمۇن پادىشاھى قەيەرگە بارسا، باشقا مايمۇنلارمۇ ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ، ھەر قېتىم بىر يەرگە بارغاندا مايمۇن پادىشاھى ئالدى بىلەن ئىنكاسى تېز، ھوشيار مايمۇندىن بىرقانچىنى تاللاپ «قاراۋۇل» لۇققا ياكى «مۇھاپىزەتچى» لىككە قويىدۇ. باشقا مايمۇنلار مايمۇن پادىشاھىنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بەزىلىرى ئۇنىڭ تۈكلىرىنى تاراپ قويىدۇ، بەزىلىرى پىتلىرىنى تېرىيدۇ، بەزىلىرى ئۇنىڭغا يېيىشلىك ياخشى مېۋىلەرنى ئەكېلىپ بېرىدۇ. ھەر يىلى كۈز پەسلى سېرىق ياللىق مايمۇننىڭ كۈيلەش مەزگىلى، چىشى مايمۇننىڭ بوغاز بولۇش مەزگىلى ئالتە ئاي ئەتراپىدا، ئادەتتە بىر قېتىم قورساق كۆتۈرگەندە بىرنى تۇغىدۇ، ئاندا - ساندا ئىككىنىمۇ تۇغىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان مايمۇن بالىسىنىڭ يۈزى تۇتۇق كۆك، تۈكلىرى قوڭۇر بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ يىغىسىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدۇ، بىر ئايدىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى1 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. ئانا مايمۇن بالىلىرىنى بەك ياخشى كۆرگەچكە، بالىسىنى دائىم قۇچاقلىۋالىدۇ. ئەگەر ئوۋچىغا ئۇچراپ قېلىپ قاچالماي قالغۇدەك بولسا، ئوۋچىغا ئۈزلۈكسىز قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارنى ئاتماسلىق توغرىسىدا بېشارەت بېرىدۇ ياكى بالىسىنى ئېمىتىپ تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن قولى بىلەن كۆكرىكىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرسىمۇ بالىسىنى ئۆلتۈرمەسلىكنى ئىپادىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى