ھايۋانلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھايۋانلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، بەدەن تۈزۈلۈشىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان، زېھنىي كۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بەزى ئاجايىپ قىلىقلار بارلىققا كەلگەن.
ھايۋانات دۇنياسىدا، ئەڭ ئەقىللىقى شىمپەنزە بولۇپ، كىشىلەر ئۆينىڭ تورۇسىغا بىرقانچە بانان ئېسىپ قويۇپ، يەرگە بىرقانچە ئىچى بوش ساندۇق قويۇپ قويسا، شىمپەنزىنىڭ تورۇسقا ئېسىپ قويغان باناننى يېگۈسى كېلىدۇ، ئەمما بويى يەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساندۇقلارنى دەستىلەپ، ئاندىن ساندۇق ئۈستىگە چىقىپ باناننى ئالىدۇ. بۇ خىل قىلىق ۋە تەپەككۇر ھايۋانات دۇنياسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ھېسابلىنىدۇ.
شىمپەنزە يەنە ئاددىي سايمانلارنى ئىشلىتىشنىمۇ بىلىدۇ. ئۇ، قولىنى چۈمۈلە ئۇۋىسىغا تىقسا چۈمۈلىنىڭ چېقىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىنچىكە ياغاچتىن بىرنى تېپىپ، چۈمۈلە ئۇۋىسىغا تىقىپ ئاق چۈمۈلىلەرنى ئىلىندۇرۇپ يەيدۇ؛ يەنە تېخى كالتەكنى پىشاڭ قىلىپ چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ ئاغزىنى چوڭايتالايدۇ. بىرەيلەن بىر چىشى شىمپەنزىنىڭ بىر كىچىك ياغاچ بىلەن چىشىنى كولىغانلىقىنى كۆرگەنىكەن.
دېلفىنمۇ ناھايىتى ئەقىللىق ھايۋان، ئۇنىڭ زېھنىي كۈچى شىمپەنزىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. بەزى ماھارەتلەرنى مايمۇنغا بىرقانچە يۈز قېتىم مەشىق قىلدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆگىنەلەيدۇ، ئەمما دېلفىن20 قېتىمدىلا ئۆگىنىپ بولىدۇ. ئالاھىدە ئۆگىتىلگەن دېلفىن كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ، دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن نەرسىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ بېرىدۇ، سۇ ئىچىدە مەشغۇلات قىلىۋاتقانلارغا خەۋەر ۋە قورال يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ھەتتا پارتلاتقۇچ دورا ئېلىپ دۈشمەننىڭ ھەربىي پاراخوتىنى پارتلىتىۋېتەلەيدۇ. ئەگەر ھايۋانلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى مېڭىسىنىڭ پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئىگىلىگەن پىرسەنتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى بويىچە ئۆلچىسە دېلفىننىڭ ئادەمدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مايمۇن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بەزى ھايۋانلارنىڭ زېھنىي كۈچى ھايۋانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. پىل ئەقىللىق ھايۋان بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بار. ھىندىستاندا بىر ئايال ئۆيىدە كىيىم تىكىۋېتىپ، بىر پىلنىڭ خارتۇمىنى دېرىزىدىن كىرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تۇيۇقسىز بايقاپ قېلىپ، ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن ھەم قولىدىكى يىڭنىنى پىلنىڭ خارتۇمىغا سانجىغانىكەن، پىلنىڭ خارتۇمى ئاغرىپ كېتىپ قېچىپتۇ. خېلى ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بۇ پىل خارتۇمى تولغىچە سۇ سۈمۈرۈپ شۇ ئايالنىڭ بەدىنىگە پۈركىۋەتكەنىكەن. دېمەك، پىل ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇماي ئۆچ ئېلىش پۇرسىتى ئىزدەپ يۈرگەنىكەن.
ھايۋانلار ئىچىدە ئىت، دېڭىز شىرى، ئېيىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەقىللىق، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلدۇرۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ زېھنىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھەر خىل سېرك ئويۇنلىرىنى كۆرسىتەلىگەن. لېكىن، ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولغىنىغا ئوخشاش، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ھايۋانلارنىڭ زېھنىي كۈچىدىمۇ پەرق بولىدۇ.