گاستېر پاقا
ھايۋاناتلار دۇنياسى
گاستېر پاقىنىڭ نەسىللىنىش ئۇسۇلى ئاجايىپ غەلىتە. ئۇ، گەرچە ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان بىر خىل پاقا بولسىمۇ، لېكىن باشقا پاقىلارغا ئوخشاش تۇخۇملىرىنى سۇغا سېلىپ، ئاۋۋال تۇخۇمدىن قۇمچاق چىقىرىپ، ئاندىن قۇمچىقى ھالەت ئۆزگەرتىپ كىچىك پاقىغا ئايلىنىش جەريانلىرى يوق. گاستېر پاقا تۇخۇمىنى ئاشقازىنىدا چىقىرىپ، ھالەت ئۆزگەرتىپ، ئاغزىدىن كىچىك پاقا تۇغىدۇ.
بۇ خىل پاقىدا بىر خىل ئالاھىدە ئاشقازان بولىدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىگە كىرگەندە پاقىنىڭ ئاشقازىنى ئوزۇقلۇق ھەزىم قىلىش فۇنكسىيىسىنى تامامەن ئۆزگەرتىپ ۋاقىتلىق «بالىياتقۇ» غا ئايلاندۇرىدۇ. كۆپىيىش ۋاقتىدا چىشى پاقا تۇخۇملىرىنى سۇغا تۇغىدۇ، تۇخۇملىرى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇملىرىنى يۇتۇۋېتىپ، ئاشقازىنىدا ساقلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي پاقا تۇخۇمى ئاشقازاندا باسۇرۇلۇپ قۇمچاققا ئايلىنىدۇ، ئاندىن ھالەت ئۆزگەرتىپ كىچىك پاقىغا ئايلىنىدۇ. تەخمىنەن سەككىز ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن چىشى پاقا ئاغزىنى چوڭ ئېچىپ، كىچىك پاقىلارنى ئاشقازىنىدىن قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ يېڭى تۇغۇلغان كىچىك پاقىلار ئانا پاقىنىڭ ئاغزىدىن سەكرەپ چىققاندىن كېيىن ئادەتتە ئانىسىنىڭ ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، سەل چوڭ بولۇۋالغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئەركىن ھەرىكەت قىلىدۇ.
تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، چىشى گاستېر پاقا «ھامىلىدار» بولغاندىن كېيىن، ئاشقازىنى تەدرىجىي چوڭىيىدىكەن، ھەتتا ئۆپكىسى بېسىلىپ دەم ئالالماي، ئاخىرىدا تېرىسىنى ئۆپكىسى ئورنىدا نەپەسلىنىش ئەزاسى قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.