ھايۋانلارنىڭ ئاچلىققا، ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
چۆلدە كېتىۋاتقان تۆگە سۇ كەمچىل بولغان ئەھۋال ئاستىدا45 كۈن يول ماڭالايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇ مۇۋاپىق پەيتتە ئوزۇقلۇقنى كۆپ يەيدىغانلىقى ھەمدە لوككىسىدىكى زاپاس ماينى پارچىلىيالايدىغانلىقى ئۈچۈن، مېتابولىزم جەريانىدا ھاسىل بولغان سۇ بىلەن تېنىنىڭ سۇغا بولغان نورمال ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. قۇملۇقتا ياشايدىغان چۆل كەسلەنچۈكى تېنىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنى ئازايتىدۇ. سەھەردە تېرىسىنىڭ رەڭگى قارىيىشقا باشلايدۇ، تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە تېرىسى توپا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەددىدىن ئارتۇق ئىسسىقلىقنى قايتۇرۇۋېتىپ، سۇنىڭ پارلىنىشىنى ئازايتىدۇ، گۇگۇم چۈشكەندە تېرىسىنىڭ رەڭگىنى يەنە ئۆزگەرتىپ تېنىنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىغا ماسلىشىدۇ. شۇڭا، چۆل كەسلەنچۈكىنىڭ ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ.
ئاچلىققا چىداملىق ھايۋانلار خېلى كۆپ. شەپەرەڭنىڭ ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ھايۋانلار ئىچىدە مەشھۇر، ئوخشاشلا ئوزۇقلىنىش مىقدارىمۇ كۆپ. قوڭۇر تاغ شەپەرىڭى ئارقا - ئارقىدىن ئۇدا30 تال مايقوڭغۇزىنى تۇتۇپ يەۋېتىدۇ، بىر قېتىمدا تەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان يېمەكلىكنى يەۋېتىدۇ؛ تروپىك بەلۋاغدىكى چوڭ شەپەرەڭ ئۇدا48 كۈن ئاچ تۇرالايدۇ، ئاچ قېلىپ35 كۈن بولغاندا، بۇرۇنقىدەكلا تېز ئۇچالايدۇ.
سوغۇق قانلىق ھايۋانلارنىڭ ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك. تىمساھ بىرقانچە ئاي بىرنەرسە يېمىسە، ئاساسەن ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. تاشپاقا، تاتلىق سۇ تاشپاقىسى بىر يىل ئاچ قالسىمۇ كارايىتى چاغلىق. كىشىلەر مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرگەن: بىر بوغما يىلاننى ئاچ قويسا توپتوغرا ئىككى يىل توققۇز ئاي بولغاندا ئاندىن ئۆلگەن. ئوزۇقلۇقمۇ، سۇمۇ بەرمىگەن زەھەرلىك چار يىلانلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن78 كۈن ياشىغان، ئايرىملىرى107 كۈنگىچە ھايات تۇرغان. قىشلىق ئۇقۇغا (ئۈچەككە) كىرىدىغان ھايۋانلار ئوخشاشلا كۆپ يەيدۇ، ئاچلىققا چىدايدۇ. ئۇلار قىشلىق ئۇقۇغا كىرىشتىن بۇرۇن جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ. ياز كۈنلىرىدىن باشلاپ تېنىدىكى ئېنېرگىيە زاپاس مىقدارىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، بولۇپمۇ تېرە ئاستىغا ماي توپلاش ئۈچۈن راسا يەپ - ئىچىپ، يېمەيدىغان، ئىچمەيدىغان ئۇزۇن قىشتىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋالىدۇ.
چۇسىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىشنىڭ تەس بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۇسىنىڭ ئۆمرى ئادەتتە ئىككى يىلغا بارمايدۇ، لېكىن ئۇ بىر يىلدىن ئارتۇق ئاچ قورساق تۇرسىمۇ ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ. قورسىقى ئېچىپ خۇددى غازاڭدەك نېپىزلاپ كەتكەن چۇسا قان شوراش پۇرسىتىگە ئېرىشسە بىر قېتىمدىلا7 مىللىگرام قاننى شورىيالايدۇ.
ھايۋانلاردا ئاچلىققا، ئۇسسۇزلۇققا مۇشۇنداق بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدىغان ياكى قۇرغاقچىلىققا ئوخشاش ناچار مۇھىت شارائىتلىرىدىمۇ ياشىيالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھايۋانلار ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئىرسىيەت قىلىپ قالدۇرۇپ ئەۋلادلىرىنىمۇ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىدۇ. بۇ، ھايۋانلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەسلىنىڭ داۋاملىشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.