UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىكېپىنەكلەر

كېپىنەكلەر

ھايۋاناتلار دۇنياسى كېپىنەك تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھايۋان بولۇپ ئۆمرىدە تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق، يېتىلگەن قۇرت (كېپىنەك) تىن ئىبارەت تۆت دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. گەرچە لىچىنكا دەۋرىدىكى تۈكلۈك قۇرتنىڭ تۇرقى سەت بولسىمۇ، لېكىن يېتىلگەن قۇرت دەۋرىگە كەلگەندە چىرايلىق كېپىنەككە ئايلىنىدۇ. يەر شارىدا كېپىنەكنىڭ14 مىڭدىن ئارتۇق تۈرى بار، دۆلىتىمىزدە13 مىڭ تۈرى بار. ھەر خىل كېپىنەكلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، رەڭگىمۇ ھەر خىل، ياشاش خۇسۇسىيەتلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدە200 دىن ئارتۇق تۈرى خۇددى كۆچمەن قۇشلارغا ئوخشاش پەسىلگە قاراپ ئۇزۇن سەپەر قىلىپ كۆچىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان ئەڭ مەشھۇرى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك چوڭ كېپىنەك — «رەڭلىك كېپىنەك شاھى» بولۇپ، باھار كەلگەندە ئۇ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىن بىۋاسىتە كاناداغا ئۇچۇپ بارىدۇ؛ كۈزدە كانادادىن يەنە كەلگەن يولىنى بويلاپ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇچىدىغان يول مۇساپىسى45 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، بىرقانچە ئاي داۋاملىق ئۇچىدۇ. رەڭلىك كېپىنەك شاھىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك كۆچۈشى بىر داغدۇغىلىق ساياھەتچىلەر ئەترىتىگە ئوخشاش تەشكىللىك ھالدا بەلگىلىك يۆنىلىشكە قاراپ كۆچىدۇ. يول ئۈستىدە ئەركەك كېپىنەكلەر قوغدىغۇچى ۋە يول باشلىغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن چىشى كېپىنەكلەرنىڭ تۆت ئەتراپىنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلار تاڭ سەھەردە يولغا چىقىپ، كېچىسى قونالغۇدا قونىدۇ، ھەرگىز ھۇرۇنلۇق قىلىپ بىر يەردە يېتىۋالمايدۇ. مىليونلىغان رەڭلىك كېپىنەك شاھلىرى كۆك ئاسماندا ئۇچۇپ بۇلۇت بىلەن ئورۇن تالىشىدۇ، شەپەق بىلەن گۈزەللىك تالىشىدۇ، پۈتۈن كۆرۈنۈشى ئىنتايىن دەبدەبىلىك بولىدۇ. ھەر يىلى11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا مېكسىكا يېڭى يانار تاغ رايونىدىكى ئورماندا رەڭلىك كېپىنەك شاھلىرى كاتتا يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاغ - دالىلار قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ بىلەن «بويىلىپ كېتىدۇ». بەزىدە رەڭلىك كېپىنەك شاھلىرى توپلىشىپ قونۇۋالغان كېپىنەكلەرنىڭ ئېغىرلىقى كۈنلۈكسىمان قارىغاينىڭ7 سانتىمېتىر توملۇقتىكى شېخىنى سۇندۇرۇۋېتەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى دالى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى سەنيۆ كوچىسىدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق بىر كېپىنەك بۇلىقى بار. ھەر يىلى3 - ئايدا ھەر خىل كېپىنەكلەر مىڭ چاقىرىملىق يول يۈرۈپ بۇ يەرگە بەس - بەس بىلەن كېلىپ توپلىشىدۇ. ئۇلار تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، مىقدارىنىڭ زورلۇقى، رەڭگىنىڭ چىرايلىقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنياغا داڭلىق. كېپىنەكنىڭ قويۇق تەڭگىچىلەر ۋە كىرپىك تۈكلەر بىلەن قاپلانغان ئىككى جۈپ قانىتى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھاشاراتلار كلاسسىفىكاتيىسىدە تەڭگە قاناتلىقلار ئەترىتىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئېغىز ئاپپاراتى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، سائەت پۇرژىنىسىغا ئوخشايدىغان بىر تال شورىغۇچى نەيچىسى بىلەن گۈل شىرنىسى، دەرەخ يېلىمى، مېۋە شىرنىسى قاتارلىقلارنى شورايدۇ، كېپىنەكلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان سالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى