UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىساقىيقۇش

ساقىيقۇش

ھايۋاناتلار دۇنياسى ساقىيقۇش سۇلا باسسانا قۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر خىل چوڭ تىپتىكى سۇ قۇشى بولۇپ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى150 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە، ئىككى قانىتىنى كەرسە2 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇچۇشقا ماھىر، ئاساسلىقى دېڭىز بويىدىكى سازلىق - كۆللەردە، دەريالاردا ياشايدۇ. ساقىيقۇشنىڭ كەڭ ھەم ئۇزۇن ئۇچلۇق تۇمشۇقى ئاستىدا ئۇزىرالايدىغان بىر غايەت چوڭ تېرە بوغۇز خالتىسى بار بولۇپ بېلىق تۇتۇش قورالىدۇر. ساقىيقۇش ئوزۇقلۇق تۇتۇشتا ئاغزىنى چوڭ ئېچىپ، سۇغا تىقىپ ئىلگىرىلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇ بىلەن بېلىقمۇ «بېلىق تورى» — بوغۇز خالتىسىغا كىرىدۇ، ئاندىن ئاغزىنى يۇمغاندا غايەت زور بوغۇز خالتىسى قىسقىراپ سۇنى سىقىپ چىقىرىۋېتىدۇ - دە، بېلىق، راكلار قالىدۇ. ئەگەر تۇتۇپ ئالغان بېلىق، راكلارنى ۋاقتىنچە يەپ بولالمىسا، تېرە خالتىسىدا ساقلاپ قويىدۇ. ساقىيقۇش توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر توپ ساقىيقۇش ئەگەر سۇدا بېلىق توپىنى بايقاپ قالسا، دەرھال ئارقىدىن ئەگىشىپ ئۇچىدۇ، ئاندىن بىر قاتار تىزىلىپ، يېرىم چەمبەر شەكلىدە سەپ بولۇپ ئورىۋېلىپ، قاناتلىرىنى سۇ يۈزىگە ئۇرۇپ بېلىقلارنى سۈيى تېيىز يەرگە مەجبۇرىي ھەيدەيدۇ، ئاندىن سېۋەتكە ئوخشاش چوڭ ئاغزىنى ئېچىپ نۇرغۇن بېلىق، راكلارنى يېتەرلىك مىقداردا تۇتۇۋالىدۇ. ساقىيقۇش تېرىسىنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن ھاۋا پۈۋەكچىلىرى بار بولۇپ، ئۇ ساقىيقۇشنىڭ بەدىنى سۇغا ئۇرۇلغاندا سوقۇلۇشنى يەڭگىللىتىدىغان قەۋىتى ھېسابلىنىدۇ. ساقىيقۇش ئاسماندا ئۇچۇۋاتقاندا سۇدىكى بېلىقنى بايقاپ قالسا، ھاۋادىن ئۇشتۇمتۇت ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشۈپ سۇغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، بېلىق قېچىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ. ساقىيقۇش كۆپىيىش مەزگىلىدە ئادەملەر ئاز بارىدىغان دەرەخلىكنى تاللاپ، ئېگىز دەرەخقە ئۇۋا ياساپ، تۇخۇم تۇغۇپ بالىسىنى باقىدۇ. ئۇ چۈجىلىرىنى بېقىشتا پوكىنىدىن يېرىم ھەزىم بولغان يېمەكلىكنى قۇسۇپ چىقىرىپ تېرە خالتىسىدا زاپاس ساقلاپ قويىدۇ، چۈجىسى تېرە خالتىسىغا بېشىنى تىقىپ تۇرۇپ ئوزۇقلۇق يەيدۇ. تۆت ئايدىن كېيىن چۈجىلىرى چوڭ بولۇپ، ئۇچۇپ چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى