نەيزە قۇيرۇق بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
1938 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقىلىق بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانى ھىندرىك. گوسن توساتتىن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بېلىقنى تۇتۇۋالىدۇ. بۇ بېلىقنىڭ شەكلى قەدىمكى زاماندىكى توم ئۈزگۈچىلىك بېلىق (كروسسوپتېرىگى بېلىقلىرى)قا ئوخشايتتى، ئۇزۇنلۇقى5 .1 مېتىر، ئېغىرلىقى58 كىلوگرام، تېنى يۇمىلاق، قۇيرۇق ئۈزگۈچىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا بۆلۈنگەن كىچىك ياپراقچىلىرى بار بولۇپ، پۈتۈن قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى ئىنتايىن غەيرى نەيزىسىمان ئۈچ ياپراق شەكلىنى ھاسىل قىلغانىدى. شۇڭا، نەيزە قۇيرۇق بېلىق (لاتىمېرىيە بېلىقى) دەپ نام بېرىلگەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن كىشىلەر بۇ خىل بېلىقنىڭ نەسلى60 مىليون يىل بۇرۇنلا يوقاپ كەتكەن، دەپ قارايتتى، شۇڭا نەيزە قۇيرۇق بېلىقنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئۆسكەن. جەنۇبىي ئافرىقا لودز ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بېلىقشۇناس جامېس بۇ نەيزە قۇيرۇق بېلىقنى تەتقىق قىلغان ھەمدە دەرھال ئەگەر كىمكى ئۇنىڭغا يەنە بىر نەيزە قۇيرۇق بېلىق تەقدىم قىلسا100 فوند ستېرلىڭ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەپسۇس، جامېس دەل14 يىل كۈتكەندىن كېيىن1952 - يىلى ئاندىن نەيزە قۇيرۇق بېلىقنىڭ ئىككىنچى ئەۋرىشكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.
نەيزە قۇيرۇق بېلىقنىڭ تېنى قاۋۇل، مۇسكۇللىرى قېلىن ھەم سېمىز، ئاستىنقى ئېڭىكى چاسا شەكىلىك، چىشلىرى بار، تېنىنى بىر قەۋەت تۆمۈر ساۋۇتقا ئوخشاش يۇمىلاق تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ،8 تال گۆشلەشكەن ئۈزگۈچىسى بار، كۆكرەك ئۈزگۈچىسى ۋە تۆۋەن يان تەرەپتىكى ئىككىنچى جۈپ ئۈزگۈچىسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ھەمدە ھەر خىل كۆرۈنۈشتىكى ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ، بەزىدە تېخى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ قىلىدۇ. نەيزە قۇيرۇق بېلىقنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە غەيرىي قىلىقلىرى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ پۇتلىرى ئۈزگۈچىدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كەلگەن، دېگەن نەزەرىيىنى بىرقەدەر كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى.
نەيزە قۇيرۇق بېلىق ئادەتتە200 ~400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز سۈيىدە ياشايدۇ. ئەگەر ئاشۇ قاراڭغۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇزاق ياشىيالمايدۇ.200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستى قاپقاراڭغۇ بولىدۇ، شۇڭا كۆزى تەبىئىي ھالدا رولىنى يوقىتىدۇ. ئۇ ئادەتتە سېزىش ئەزاسىغا تايىنىپ كىچىك بېلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ.