ھايۋانلارنىڭ پۇتلىرى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ پۇتى بولمايدۇ ياكى ناھايىتى ئاددىي قوشۇمچە پۇتى بولىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ پۇتلىرى ناھايىتى كۈچلۈك، ھەرىكىتى ئىنتايىن مەزمۇت بولىدۇ.
بېلىقنىڭ پۇتلىرى پالاقسىمان بولۇپ، ئالدى پۇتى بىر جۈپ كۆكرەك ئۈزگۈچىسىگە، ئارقا پۇتى بىر جۈپ قورساق ئۈزگۈچىسىگە ئايلانغان. كۆكرەك ئۈزگۈچىسى نىشاننى توغرىلاش رولىنى ئوينايدۇ، قورساق ئۈزگۈچىسى ئاساسلىقى دۈمبە، قۇيرۇق ئۈزگۈچىلىرىگە ياردەملىشىپ تېنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.
قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ كۈچلۈك، بەش بارماقلىق پۇتلىرى بولىدۇ. يېشىل پاقىنىڭ ئالدى پۇتى قىسقا، ئارقا پۇتى توم ھەم ئۇزۇن بولىدۇ، بارماقلىرى ئارىلىقىدا گۆشلۈك پەردە بار بولۇپ، ئۈزۈش پەردىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقتىن ئۇ ھەم سۇدا ئۈزەلەيدۇ، ھەم قۇرۇقلۇقتا ماڭالايدۇ، سەكرىيەلەيدۇ.
قۇشلارنىڭ ئىككى پۇتى، يەنى بىر جۈپ ئارقا پۇتى بولۇپ، ئالدى پۇتى قاناتقا ئۆزگىرىپ ئۇچۇشقا ماسلاشقان، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇش − تۆگىقۇشنىڭ ئىككى پۇتى كۈچلۈك، مەزمۇت بولىدۇ؛ سوغۇققا ئەڭ چىداملىق قۇش − جەنۇبىي قۇتۇپ پىنگۋىنىنىڭ ئىككى قانىتى ئۈزگۈچىسىمانغا ئۆزگىرىپ ئۇچۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، ئارقا پۇتلىرىمۇ مۇزلۇقتا مېڭىشقا ۋە سۇدا ئۈزۈشكە ماسلاشقان.
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىدە تىپىك، يېتىلىشى مۇكەممەل بولغان پۇتلىرى بار بولۇپ، چاققانلىق بىلەن ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ، تېز سۈرئەتتە يۈگۈرەلەيدۇ. ئەڭ تېز يۈگۈرەيدىغان ئوۋچى قاپلان (يىلپىز) نىڭ100 مېتىرغا يۈگۈرۈش سۈرئىتى پەقەت2 .3 سېكۇنت بولىدۇ.
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ پۇتىدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى زور. ئاۋسترالىيىدىكى كېنگۇرۇنىڭ ئارقا پۇتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئالدى پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن تەخمىنەن5 -6 ھەسسە ئۇزۇن؛ شەپەرەڭنىڭ ئالدى پۇتى پەردىسىمان قاناتقا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھاۋادا ئۇچۇشقا ماسلاشقان. دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدىغان كىتلارنىڭ ئالدى پۇتى ئۈزگۈچىگە ئۆزگەرگەن، ئارقا پۇتى ئاساسەن يوقالغان. تيۇلېننىڭ پۇتلىرى پالاقسىمان ئۈزگۈچى پۇتقا ئايلىنىپ كەتكەن، ئارقا ئۈزگۈچى پۇتى ئالدىغا قاراپ ئېگىلەلمەي ئارقىغا قاراپ تۇرىدۇ، ئۇ، ئاساسلىق ئۈزۈش ئەزاسىغا ئايلانغان.