UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىئۈچ تىكەنلىك بېلىق

ئۈچ تىكەنلىك بېلىق

ھايۋاناتلار دۇنياسى ئۈچ تىكەنلىك بېلىق دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدىغان كىچىك تىپتىكى بىر خىل قاتتىق سۆڭەكلىك بېلىق. دۈمبىسىدە دۈشمىنىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۈچ تال تىكىنى بولغانلىقى ئۈچۈن تىكەنلىك بېلىق دەپ ئاتالغان. ئۇ قۇشلارنىڭ چاڭگا ياساش ئۇسۇلىغا ئوخشاش ئۇۋا ياسايدىغان مەشھۇر سۇ ئاستى بىناكارى ھېسابلىنىدۇ. تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلى يېقىنلاپ قالغاندا، زور بىر تۈركۈمدىكى تىكەنلىك بېلىقلار چوڭقۇر دېڭىزدىن تېيىز دېڭىزغا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەركەك تىكەنلىك بېلىقنىڭ تېنىنىڭ رەڭگىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئادەتتىكى كۆك كۈل رەڭدىن تەدرىجىي ھالدا ئوچۇق قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ. ئەركەك بېلىقلار بېلىق توپىدىن ئايرىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇۋاپىق جاي ئىگىلەپ، ئۇۋا ياسايدۇ. ئەركەك بېلىق ئۇۋا ياساش ۋاقتىدا ئالدى بىلەن ئاغزىدا دېڭىز ئاستىدىكى لاينى بىر تېيىز ئوقۇر قىلىپ كولىۋالىدۇ، ئاندىن ھەر خىل دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ يىپلىرى، سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ باشقا ئۇۋاقلىرىنى يىغىپ كېلىپ ئوقۇرنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەيدۇ. ئارقىدىن ئەركەك بېلىق بوش دۆۋىلەنگەن يوپۇرماق دۆۋىسى ئۈستىدىن ئاستا - ئاستا ئۈزۈپ ئۆتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر خىل يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھەر خىل ئۇۋاقلارنى بىر - بىرىگە يېپىشتۇرۇپ، شارسىمان ئۇۋىنى تېخىمۇ زور ئىچكى يىغىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قارشى تەرىپىدىن بىر ئېغىز ئاچىدۇ ھەمدە گەمە يولى ياسايدۇ. ئىچكى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن گەمىسىنىڭ ئۈستىنى يۇقىرىغا ئىتتىرىدۇ. ھۇجرىسى پۈتكەندىن كېيىن ئەركەك بېلىق چىشى بېلىقنى قوغلىشىشقا باشلايدۇ. قورسىقى تۇخۇم بىلەن تولغان چىشى بېلىققا يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئەركەك بېلىق كىرىدۇ. چىشى بېلىق ئۇۋىغا كىرىپ تۇخۇم سالغاندىن كېيىن ئىككىنچى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدۇ، ئەركەك بېلىق بىرىنچى ئىشىكتىن كىرىپ تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئەركەك بېلىق ئۇۋىدا ئۆزى يالغۇز قېلىپ، بېلىجانلارنى كۆڭۈل قويۇپ كۈتىدۇ ھەمدە بارلىق رىقابەتچىلىرىنى، چىشى بېلىقنى ۋە يېقىنلاپ كەلگەن ھەرقانداق ھايۋاننى قوغلىۋېتىدۇ. ئەركەك بېلىق ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، كۆكرەك ئۈزگۈچىسىنى پالاقلىتىپ ئۇۋا ئىچىدىكى سۇنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇۋا ئىچىدە ئوكسىگېن يېتىشمىسە، يېتەرلىك ئوكسىگېننىڭ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇۋا تېمىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ قويىدۇ، ئەگەر ئۇۋىسىدا بۇزۇلغان يەر كۆرۈلسە دەرھال رېمونت قىلىپ ياسايدۇ. تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن بېلىجانلار تۇخۇمدىن چىقىپ ئۇۋىدىن ئايرىلىپ زىچ يىغىلغان بېلىجان توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، «دادىسى» نىڭ نازارەتچىلىكىدە ئۇۋا ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر بېلىجانلار بېلىق قوشۇنىدىن ئايرىلىپ قالسا، دادىسى ئۇنى ئاغزىغا ئېلىپ بېلىق توپىغا قوشۇپ قويىدۇ. بىرقانچە ھەپتىدىن كېيىن تىكەنلىك بېلىق بېلىجانلىرى دادىسىدىن ئايرىلىپ توپ - توپ بولۇپ كېتىپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئۈچ تىكەنلىك بېلىق | UyghurWiki | UyghurWiki