كەركىدان ۋە كەركىدان قۇشى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئافرىقا كەركىدانىنىڭ تېنى ناھايىتى چوڭ، پۇتلىرى توم، تېرىسى قاتتىق، بەدەن ئېغىرلىقى1500 كىلوگرام چىقىدۇ، بېشىدا ئىككى تال غەلىتە مۈڭگۈزى بار، بىرى ئالدىدا، بىرى ئارقىدا تۇرىدۇ. ئالدىدىكىسى چوڭ، كەينىدىكىسى كىچىك. چوڭ مۈڭگۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى90 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۈسۈدىغان بولسا ھەرقانداق يىرتقۇچ ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. مۇشۇنداق بىر زومىگەر، ۋەھشىي ھايۋاننىڭ تېخى بىر جانجىگەر كىچىك دوستى − كەركىدان قۇشى بار. قىزىق يېرى، ئۇلار دائىم ئىناق ئۆتۈپ ھەمىشە بىللە يۈرىدۇ.
ئەسلىدە، كەركىداننىڭ تېرىسىدە نۇرغۇن پۈرمىلەر بار بولۇپ، ئىنتايىن يۇمران، نېرۋا، قان تومۇرلار زىچ تارقالغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە كەركىدان سازلىق - پاتقاقلىقلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۈرمىلىرىگە ھەر خىل پارازىت قۇرتلار كىرىۋېلىپ، چېقىپ، قىچىشتۇرۇپ ئارام بەرمەيدۇ. دائىم كەركىداننىڭ دۈمبىسىگە قونۇۋالىدىغان كەركىدان قۇشىنىڭ تۇمشۇقى ئۇزۇن، ئۇچلۇق، پەيلىرى قارا. ئۇلار كىچىك توپ بولۇۋېلىپ، قىلچە تەپ تارتماي كەركىداننىڭ دۈمبىسىدە ئۇياقتىن - بۇياققا تاقلاپ يۈرۈپ، كەركىدان تېرىسىنىڭ پۈرمىلىرىدىكى ئۇششاق قۇرتلارنى توختىماستىن چوقۇلاپ يەيدۇ، بەزىدە ھەتتا ھېچقانداق تۈزۈت قىلماستىن كەركىداننىڭ ئاغزى ياكى بۇرنىغا قونۇۋېلىپ، قۇرت تۇتۇپ يەيدۇ. كەركىدان قۇشى كەركىداننىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرتلارنى تۇتۇپ يەيدىغان بولغاچقا، كەركىدان ئۇنىڭغا يول قويىدۇ.
كەركىداننىڭ كۆزى ناھايىتى كىچىك، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز، ئاڭلاش سېزىمىمۇ ئانچە ئۆتكۈر ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقېتىم خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كەركىدان قۇشى دەرھال ئۆز ھەمراھىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن كەركىداننىڭ دۈمبىسىگە چىقىپ، ئاندىن ئۇچۇپ يۇقىرى ئاۋازدا سايرايدۇ ھەمدە ئۈستىدە ئەگىپ ئۇچۇپ يۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر كەركىدان قۇشىنى كەركىداننىڭ «مۇھاپىزەتچىسى» دەيدۇ.
كەركىدان دۇنيا بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان ئىنتايىن ئەتىۋارلىق ھايۋان، ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرىدىن ئاساسلىقى ئافرىقىنىڭ شالاڭ دەرەخلىك يايلىقىدا ياشايدىغان قارا كەركىدان، ئاق كەركىدان ۋە ئاسىيانىڭ تروپىك بەلۋاغ قويۇق ئورمانلىرىدا ياشايدىغان ھىندىستان كەركىدانى، ياۋا ئارىلى كەركىدانى، سۇماترا ئارىلى كەركىدانى قاتارلىقلار بار. كەركىدان مۈڭگۈزى ئەڭ قىممەتلىك دورا ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى.