تۆت كۆزلۈك بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دەريالاردا ياشايدىغان بۇ خىل كىچىك بېلىقنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى پاقىنىڭ كۆزىگە ئوخشايدىغان ئىنتايىن غەلىتە كۆزى بار بولۇپ، بېشىنىڭ چوققىسىغا پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، تۈزۈلۈشى ئىنتايىن غەلىتە. ھەربىر كۆزىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئالدى تەرەپتىن تاكى ئارقىغىچە بىر قارا رەڭلىك پاراللېل ئايرىغۇچى پەردە ئارقىلىق تەڭ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، كۆز قارىچۇقى ۋە كۆز گۆھىرىمۇ ئاستى - ئۈستى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، قارىماققا تۆت كۆزى باردەك كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن «تۆت كۆزلۈك بېلىق» (ئانابلېپس بېلىقى) دەپ ئاتالغان.
تۆت كۆزلۈك بېلىق ئىنتايىن سەزگۈر، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئەمەلىيەتتە تۆت كۆزنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، ئىككىسى سۇ يۈزىدە ئىشلىتىلىدۇ، ئىككىسى سۇ ئىچىدە ئىشلىتىلىدۇ. تۆت كۆزلۈك بېلىق سۇ يۈزىدە تۇرۇپ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھاشاراتنى كۆزىتىش ۋاقتىدا ئۈستى تەرەپتىكى ئىككى كۆزىنى سۇ ئۈستىگە چىقىرىپ، قۇياش نۇرىنى قىسقا ھەم كەڭ بولغان كۆز گۆھىرىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ئوۋ بايقالغان ھامان سۇدىن تېز سۈرئەتتە سەكرەپ چىقىپ تۇتۇۋالىدۇ؛ تۆت كۆزلۈك بېلىق سۇ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆرىدىغان ۋاقىتتا يورۇقلۇق تۇخۇم شەكىللىك كۆز گۆھىرىدىن ئۆتۈپ كۆز ئىچىگە كىرىدۇ، ئوزۇقلۇق بايقالغان ھامان كۈچەپ قوغلاپ تۇتىدۇ.
تۆت كۆزلۈك بېلىقنىڭ تېنى ئىنچىكە ئۇزۇن، ئۇرچۇق شەكىللىك، ئۇلار دائىم كىچىك توپ بولۇۋېلىپ، سۇ يۈزىدە ئۈزۈپ يۈرۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا سۇ يۈزى بىلەن بېلىقنىڭ كۆزىدىكى توغرا پەردىسى دەل بىر تەكشىلىككە توغرا كېلىدۇ. كۆزىنىڭ ئۈستى يېرىم قىسمى سۇ يۈزىگە چىقىپ تۇرىدۇ، تۆۋەن يېرىم قىسمى سۇ ئىچىدە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەم سۇ يۈزىدە ئۇچۇپ يۈرگەن ھاشاراتلارنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ھەم سۇ ئىچىدىكى بېلىق، راكلارنى نازارەت قىلالايدۇ. ئەگەر قىرغاقتا ئادەم پەيدا بولۇپ قالسا200 مېتىر يىراقلىقتىن بايقىيالايدۇ ھەمدە دەرھال يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، شۇڭا، ئۇنى تۇتماق ناھايىتى تەس.