UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىچارپاقا

چارپاقا

ھايۋاناتلار دۇنياسى 1782 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر تاش قېزىش مەيدانىدا بىر ئىشچى بىر چوڭ تاشنى پارچىلىغاندا، ئىچىدىن تۆت تال تىرىك چارپاقىنى بايقىغان. چارپاقىلار ھېچقانداق يېرىقى ياكى تۆشۈكى يوق تاش ئىچىگە قانداق كىرىۋالغاندۇ؟ ئەسلىدە بۇ چارپاقىلار1 مىليون يىل ئىلگىرى بۇ يەردىكى لاي كاماردا قىشلىق ئۇيقۇغا كىرگەن، ئۇلار ئويغانماي تۇرۇپلا بۇ يەرنىڭ يەر پوستىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن لاي تاشقا ئايلانغان. بۇ چارپاقىلار تاش ئىچىدە «قىشلىق ئۇيقۇ» دا تۇرۇۋەرگەن،1 مىليون يىل ئۆتكەندىن كېيىن كىشىلەر تاش قازغاندا، ئۇلار قايتىدىن كۈن كۆرگەن. ئۇنداق بولسا قىشلىق ئۇيقۇدىكى چارپاقىلار تاش ئىچىدە قانداق قىلىپ ھايات قالغان؟ ئەسلىدە، چارپاقا قىشلىق ئۇيقۇغا كىرگەندىن كېيىن يېمەكلىك يېيىشتىن توختاپ، مېتابولىزمى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالىدۇ، پەقەت تېرىسىگە تايىنىپلا نەپەسلىنىدۇ، تېنىدە زاپاس ساقلانغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا تايىنىپ ئۇزاق ۋاقىت قىشلىق ئۇيقۇ ھالىتىنى ساقلايدۇ. ئادەتتە قىشلىق ئۇيقۇ ۋاقتى بەش ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەر يىلى3 - ئاي چارپاقىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بولۇپ، كۆپىيىش ئۇسۇلى يېشىل پاقىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. چارپاقىنىڭ كۆرۈنۈشى سەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ زىيانداش ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يېيىش ماھىرى. مۆلچەرلىنىشىچە، بىر چوڭ چارپاقا ياز پەسلىدىكى ئۈچ ئاي ئىچىدە10 مىڭ تال زىيانداش ھاشاراتنى يەۋېتىدىكەن. چارپاقا ئادەتتە كەچقۇرۇن ۋە سەھەردە چىقىپ ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يەيدۇ، يېرىم كېچىدە ئەڭ جانلىنىپ كېتىدۇ، كۈندۈزى ئېرىق بويى، ئوت - چۆپلەر ئارىسى، ئۆينىڭ ئارقا تەرىپى قاتارلىق سايە، نەم جايلاردا دەم ئالىدۇ. چارپاقىنىڭ ئارقا پۇتى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، سەكرەشكە ماھىر ئەمەس. تېنىنىڭ رەڭگى قارا قوڭۇر، پۈتۈن تېنى ھۈررەكلەر بىلەن، يەنى تېرە بەزلىرى بىلەن قاپلانغان، باش قىسمىنىڭ ئىككى يېنىدىكى داپ پەردىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى تېرە بېزى − قۇلاق ئارقا بېزى بەك چوڭ بولۇپ، مۇشۇ بەزلەردىن يىغىۋېلىنغان سۈت رەڭ شىرنە سۇيۇقلۇقىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ «چارپاقا شىرنىسى» قىلىپ تەييارلاشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ يۈرەكنى كۈچەيتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش ۋە ئىسسىقنى قايتۇرۇش ئۈنۈمى بار. چارپاقا يەنە ناھايىتى ياخشى تەجرىبە ماتېرىيالى بولۇپ، ئىمبىرىئولوگىيە، فىزىئولوگىيە ئوقۇتۇشىدا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتتا پايدىلىنىلىدۇ. چارپاقا قوش ماكانلىق ھايۋان، ئۆپكىسى ۋە تېرىسى بىلەن نەپەسلىنىدۇ. ئۇ ھەر دائىم تېرىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ تۇرغاندىلا ئاندىن ھاۋادىكى ئوكسىگېن تېرىسىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتا ئېرىپ قانغا كىرىدۇ. شۇڭا، ھاۋانىڭ نەملىكى بىرقەدەر يۇقىرى بولسا ياكى قاتتىق يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن چارپاقا كۈندۈزىمۇ چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. «چارپاقا ئۇۋىسىدىن چىقسا، يامغۇر ياغىدۇ» دەيدىغان تەمسىل مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى