ئامېرىكا تاپىرى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئامېرىكا تاپىرى ئوتتۇرا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدۇ. ئۇنىڭ تېنى قاۋۇل، پۇتلىرى توم، قىسقا، تۇمشۇقى ئۇزۇن، قۇيرۇقى قىسقا، سىرتقى تۇرقى قارا چوشقىغا ئوخشايدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قۇلاقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قۇيقىسى (كوكۇلىسى) ۋە بوينىدىكى بىر تۇتام قىسقا ھەم تۈز ئۇزۇنىغا سوزۇلغان ياللى خۇددى چاچ چىققانغا ئوخشاش بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ، ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.
تارقالغان ئورنى ئوخشاش بولمىغاچقا جەنۇبىي ئامېرىكا تاپىرى، ئوتتۇرا ئامېرىكا تاپىرى ۋە تاغ تاپىرى دەپ ئايرىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە ياشاش خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، چوڭ پەرق بولمايدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكا تاپىرى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئامېرىكا تاپىرى بولۇپ، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن2 مېتىر، ئېغىرلىقى150 ~200 كىلوگرام ئەتراپىدا. كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۈچ ياش ئەتراپىدا بالا تۇغىدۇ، شۇڭا سانى بىرقەدەر كۆپ، ئاساسەن برازىلىيە، ۋېنېسۇئېلا، گۋىئانا، پاراگۋاي، پېرۇ، ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تروپىك بەلۋاغلىرىدىكى قويۇق ئورمانلارغا تارقالغان. ئامېرىكا تاپىرىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىرى30 يىلدىن ئارتۇق ياشايدۇ. ئوتتۇرا ئامېرىكا تاپىرى مېكسىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى پاناما، گۋاتېمالا، ھوندۇراس، نىكاراگۇئا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدا ياشايدۇ. ئۇنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى تۆۋەن، سانى بىرقەدەر ئاز، ئۆمرى20 -30 يىل. تاغ تاپىرى پەقەتلا كولومبىيە، پېرۇ ۋە ئېكۋادور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاند تاغلىرىنىڭ بىرقەدەر سوغۇق ئېگىز جايلىرىدا ياشايدۇ، ئۆمرى بىرقەدەر قىسقا، سانى ئىتايىن ئاز. شۇڭا، خەلقئارا تەبىئەتنى ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش بىرلەشمە جەمئىيىتى ئوتتۇرا ئامېرىكا تاپىرى بىلەن ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان تاغ تاپىرىنى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان قىلىپ بېكىتتى.
ئامېرىكا تاپىرى گۆش يېمەيدۇ، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، دەرەخ يوپۇرمىقى، چاتقاللارنىڭ يۇمران بىخى، سۇلۇق مېۋە ۋە ئوت - چۆپلەرنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىدۇ. ئۇ تروپىك بەلۋاغنىڭ قويۇق، سايە، نەم ئىپتىدائىي ئورمانلىقى، سازلىقلار ۋە كۆللەر ئەتراپىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇۋىسىنى سۇ بويىدىكى چاتقاللىق ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئادەتتە كۈندۈزى ئۇۋىسىدا ئۇخلاپ، كېچىسى چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ سۇدىكى ماھارىتى ياخشى بولۇپ، سۇ ئۈزۈشكە، سۇغا چۆمۈلۈشكە ماھىر. ئۇنىڭ ئاڭلاش سېزىمى، پۇراش سېزىمىمۇ ناھايىتى ئۆتكۈر، لېكىن مىجەزى ئېھتىياتچان بولۇپ، توخۇ يۈرەك، ئەگەر خەتەرلىك ئەھۋال بايقىلىپ قالسا ياكى دۈشمىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا دەرھال سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئامېرىكا تاپىرىنىڭ كۈشەندىلىرى يولۋاس، يىلپىز ۋە بوغما يىلان. ئۇنىڭدا تۇغما مۇداپىئە كۆرۈش قورالى بولمىغاچقا، سۇغا سەكرەپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشتەك پاسسىپ چارىنى قوللىنىپ قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ كەلگەن، مانا بۇ ھايۋانات دۇنياسىدىكى ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان بىر ئاجايىپ مۆجىزە. دۇنيا بويىچە پەقەت ئۈچ دۆلەتنىڭ11 ھايۋانات باغچىسىدا ئوتتۇرا ئامېرىكا تاپىرى بېقىلىپ كۆرگەزمە قىلىنماقتا، ئومۇمىي سانى20 تۇياق. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئاران10 تۇياق كۆپەيتىلدى.