UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىكىۋى قۇشى

كىۋى قۇشى

ھايۋاناتلار دۇنياسى كىۋى قۇشى كىۋ - كىۋ دەپ سايرايدىغانلىقى ئۈچۈن كىۋى قۇشى دەپ ئاتالغان. ئۇنى يېڭى زېلاندىيىلىكلەر ئۆز مىللىتىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ ھەمدە دۆلەت قۇشى قىلىپ بېكىتكەن. ئۇلار مەغرۇرلۇق بىلەن «مەن بىر كىۋى قۇشى» دەيدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى «مەن بىر يېڭى زېلاندىيىلىك» دېگەنلىك بولىدۇ. كىۋى قۇشى بىگىز تۇمشۇق تۆگىقۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بىگىز تۇمشۇق قۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي قۇش. ئۇنىڭ تېنى نەشپۈتكە ئوخشايدۇ، پۈتۈن تېنى بوش، ئۇششاق قويۇق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، قانىتىمۇ، قۇيرۇق پەيلىرىمۇ بولمىغاچقا، ئۇچالمايدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئىككى قىسقا، كۈچلۈك پۇتى يۈگۈرۈشكە ماھىر، سائەتلىك سۈرئىتى10 مىل (تەخمىنەن16 كىلومېتىر)، ئاچچىقى كەلسە ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر قۇشنى5 ئىنگلىز چىسى يىراقلىققا تېپىپ تاشلايدۇ. كىۋى قۇشىنىڭ ئۇچلۇق ھەم ئىنچىكە ئۇزۇن تۇمشۇقى دەم ئالغاندا ئۈچىنچى پۇتى ئورنىدا ئىشلىتىلىپ تېنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. كۆرۈنۈشى ئۈچ بۇرجەك رامكىغا ئوخشايدۇ، بۇرۇن تۆشۈكى تۇمشۇقىنىڭ ئەڭ ئۇچلۇق يېرىگە جايلىشىدۇ، پۇراپ سېزىش فۇنكسىيىسى ئالاھىدە بولۇپ، يەر يۈزىدىن7 ئىنگلىز سۇڭى (تەخمىنەن17 سانتىمېتىر) چوڭقۇرلۇقتىكى توپا قاتلىمىدىن كىچىك قۇرتلارنى تاپالايدۇ. كىۋى قۇشى ھاشارات، سازاڭ، شىرنىلىك مېۋە، يوپۇرماق قاتارلىقلارنى يەپ ياشايدۇ، كۈندۈزى يەردىكى ئۆڭگۈرگە ياكى دەرەخ يىلتىزىنىڭ كامېرىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، كېچىلىرى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ كۆزى كىچىك، كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز، بەزىدە كۈندۈزى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ يولىنى توسۇۋالغان چىتلاققا يولۇقۇپ قالسا ئارقىغا قايتماستىن ئۆزىنى ئۇرۇۋالىدۇ. چىشى كىۋى قۇشى ئادەتتە1 −2 يىلدا بىر قېتىم تۇخۇم تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا1 −2 نى تۇغىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ جۇغى ئادەتتىكى مېكىياندىن ئانچە پەرقلەنمىسىمۇ، لېكىن تۇغقان تۇخۇمى توخۇنىڭكىدىن5 ھەسسە چوڭ بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ياكى تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. قۇشنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن توخۇ تۇخۇمىنىڭ نىسبىتى بويىچە قارىغاندا — كىۋى قۇشى دۇنيادىكى بارلىق قۇشلار ئىچىدە تۇخۇمى ئەڭ چوڭ قۇش ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى