UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىھايۋانلارنىڭ ياشاش ئۈچۈن كۈرىشى

ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئۈچۈن كۈرىشى

ھايۋاناتلار دۇنياسى بىر تۈردىكى ھايۋانلار ياكى باشقا - باشقا تۈردىكى ھايۋانلار كۆپ ھاللاردا ئوزۇقلۇق، ماكان، جورا تالىشىپ ياكى باشقا ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە، كۈچلۈكلەر ھامان ياشاپ قالىدۇ، ئاجىزلار شاللىنىپ كېتىدۇ. ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى ياشاش ئۈچۈن كۈرەش ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يېگۈچى ھايۋانلار بىلەن يەم بولغۇچى ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدۇ. يىلپىز ئاساسەن بۆكەننى ئوۋلايدۇ. تېنى كۈچلۈك، يۈگۈرۈشكە ماھىر بولغان يىلپىزنىڭ ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يېيىش پۇرسىتى كۆپ، ئوزۇقلۇقلىرىمۇ مول؛ تېنى ئاجىز، ئانچە تېز يۈگۈرەلمەيدىغان يىلپىز دائىم ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي ئاچ قالىدۇ، ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئىنكاسى سەزگۈر، يۈگۈرۈشكە ماھىر بۆكەننىڭ تۇتۇلۇپ قېلىپ يەم بولۇش پۇرسىتى ئاز، ياشاپ قېلىش پۇرسىتىمۇ زور بولىدۇ؛ تېنى ئاجىز، كېسەلچان، ئانچە يۈگۈرەلمەيدىغان بۆكەن تەبىئىي ھالدا يىلپىزنىڭ يېمەكلىكى بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇقەررەر ھالدا تېنى كۈچلۈك، قاۋۇللىرى قېپقالىدۇ، بۇ «ماسلىشالىغانلىرى ياشىيالايدۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇن ئاجىز، كىچىك ھايۋانلار باشقا ھايۋانلارغا يەم بولۇپ كەتمەي ياشاش ئۈچۈن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇن مۇداپىئەلىنىش ماھارەتلىرىنى يېتىلدۈرگەن. قاسىراقلىق ھايۋانلارنىڭ قاتتىق قاسىرىقى، كىرپىنىڭ تېنىدىكى ئۇچلۇق تىكەنلىرى، شۇنىڭدەك بەزى ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى زەھەرلىك تۈك، زەھەرلىك بەز، سېسىق سۇيۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى مۇداپىئەلىنىش قوراللىرىدۇر. ئەلۋەتتە، بەزى ھايۋانلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش قورالى مۇداپىئە كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوزۇقلۇق تۇتۇش قورالىمۇ قىلىنىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئۈچۈن كۈرىشىدە قوغدىنىش رەڭگى ۋە تۈسداشلىق ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ، نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۇرغۇن ھايۋانلار تېنىنىڭ رەڭگى مۇھىتنىڭ رەڭگى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قۇملۇقتا ياشايدىغان چىل، قۇملۇق تۈلكىسى، قۇملۇق كەسلەنچۈكى قاتارلىقلار تېنىنىڭ رەڭگى ئاساسەن دېگۈدەك قۇم تۇپراق رەڭگىدە بولىدۇ؛ يېشىل يىلان تېنىنىڭ رەڭگى بامبۇك يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ؛ دەرەخ پاقىسى، شاتۇتى ۋە نۇرغۇن ھاشاراتلار تېنىنىڭ رەڭگى ئاساسەن دېگۈدەك يېشىل بولۇپ، ئۇلارنى بايقاش ناھايىتى تەس. تۈسداشلىققا بامبۇك بوغۇم قۇرتى ئەڭ تىپىك مىسال بولالايدۇ. ئۇ خۇددى دەرەخ شېخىدەك بولۇپ، پەرق ئەتمەك ناھايىتى قىيىن. گەز قۇرتى تېنىنىڭ شەكلى ۋە رەڭگى ھەقىقىي دەرەخ شېخىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ؛ تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، گەز قۇرتى دەرەختە مىدىر قىلماي جىم تۇرغاندا، يالغاننى راست قىلىپ دەرەخ شېخىنىڭ ھالىتىگە كىرىۋالىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئۈچۈن كۈرىشى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي دىنامىكىلىق (ھالەت) تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان بولۇپ، بۇ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە تۈرلەرنىڭ داۋاملىشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئۈچۈن كۈرىشى | UyghurWiki | UyghurWiki