UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىخالتىلىق چاشقان

خالتىلىق چاشقان

ھايۋاناتلار دۇنياسى خالتىلىق چاشقان لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشايدىغان بىر خىل خالتىلىق ھايۋان،ئۇنىڭ تېنى ناھايىتى كىچىك، بولۇپ خالتىلىق ھايۋانلار ئىچىدە تېنى ئەڭ كىچىكى ھېسابلىنىدۇ. خالتىلىق چاشقاننىڭ تېنى ناھايىتى كىچىك بولغانلىقتىن ھەرقېتىم خەتەرگە يولۇققاندا ئەزەلدىن قارشىلىق قىلماي، دەرەخقە چىقىپ يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئەگەر قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىسە يالغاندىن ئۆلۈۋېلىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىدۇ. بىر يۇمىلاپلا، تۆت پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ، كالپۇكىنى ساڭگىلىتىپ، خۇددى قېتىپ قالغان ئۆلۈككە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ6 سائەتتىن ئارتۇق يالغان ئۆلۈۋالالايدۇ. ئادەتتىكى گۆشخور ھايۋانلار تاپقا قىزىقمايدىغانلىقى ئۈچۈن خالتىلىق چاشقان خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ نۇقسانسىز بولۇشى ناتايىن، بەزىدە ئۇ شۇنداق قىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشقا شەرت ھازىرلاپ بېرىدۇ. خالتىلىق چاشقاننىڭ بىر يۈرۈش بالا تۇغۇپ يېتىلدۈرۈش ماھارىتى بار، يەنە دۇنيا بويىچە بوغاز بولۇش مۇددىتى ئەڭ قىسقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋان دەپ نام چىقارغان. خالتىلىق چاشقان ئادەتتە12 −13 كۈن بوغاز بولۇپلا بالا تۇغىدۇ. ئەڭ قىسقا بولغاندا8 كۈندە تۇغىدۇ. ھەر قېتىمدا6 ~14 نى تۇغىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران2 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ، تۇغۇلغان ھامان ئانىسىنىڭ قورساق قىسمىدىكى بالا يېتىلدۈرۈش خالتىسىغا ئۆمىلەپ كىرىپ، ناھايىتى تېزلىكتە ئەمچەك توپچىسىنى تېپىپ چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەيدۇ، بەزىدە ھەتتا بىرقانچە ھەپتە ئەمچەك توپچىسىغا ئېسىلىۋېلىپ ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئېمىدۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن سەل چوڭ بولغان بالىلىرى ئانىسىنىڭ دۈمبىسىگە ئۆمىلەپ چىقىپ، قۇيرۇقىنى ئانىسىنىڭ دۈمبىسىگە قارىتىپ ئېگىپ قويغان قۇيرۇقىغا چىرمىۋالىدۇ، ئۇنى ئانىسى تاكى مۇستەقىل ياشىغىچە دۈمبىسىدە ھاپاش قىلىپ يۈرۈپ ھەممىلا يەردە پائالىيەت قىلىدۇ. شۇڭا، ھاپاشچى خالتىلىق چاشقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى