UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىكىرپە

كىرپە

ھايۋاناتلار دۇنياسى كىرپە ئۇزۇنلۇقى ئاران25 سانتىمېتىردىن ئاشمايدىغان كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، تۇمشۇقى ئۇچلۇق، قۇلىقى كىچىك، پۇتلىرى قىسقا. گەرچە ئۇنىڭ تېنى ئاجىز، ھەرىكىتى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى قوغدايدىغان بىر يۈرۈش ماھارەتلىرى بار. كىرپىنىڭ تېنىدە توم، قىسقا تىكەنلىرى بولىدۇ. ھەتتا قىسقا قۇيرۇقىمۇ تىكەنلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان. دۈشمىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا بېشىنى قورساق تەرىپىگە تىقىپ تۈگۈلۈۋېلىپ باش - پۇتلىرىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ. تېنىدىكى بارلىق تىكەنلىرى تىك تۇرىدۇ، بۇ خۇددى قەدىمكى جەڭ مەيدانلىرىدىكى «تىكەنلىك توسۇق» قا ئوخشايدۇ، شۇڭا ھۇجۇم قىلغۇچى قول سېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. لېكىن، كىرپە مۇبادا تۈلكە ۋە سېرىق ئاغمىخانغا ئۇچراپ قالسا ئۇنىڭ ئەپچىل ھىيلىسى بىكار بولىدۇ. تۈلكە ئۇزۇن تۇمشۇقىنى تۈگۈلۈۋالغان كىرپىنىڭ قورساق تەرىپىگە تىقىپ تۇرۇپ، ئاندىن بۇ «تىكەنلىك توپ» نى كۆتۈرۈۋېلىپ ئاسمانغا ئاتىدۇ. بىرقانچە قېتىم تەكرار يەرگە ئۇرغاندىن كېيىن كىرپە قارشى تۇرۇش كۈچىدىن قالىدۇ - دە، تۈلكىگە ئوڭايلا يەم بولىدۇ. سېرىق ئاغمىخان سېسىق پۇراق قويۇپ بېرىدىغان ۋاسىتىسى بىلەن تۈگۈلۈۋالغان كىرپىنىڭ قورساق قىسمىدىن ئازراق يوچۇق تېپىپ، سېسىق سۇيۇقلۇقنى كىرگۈزۈۋېتىدۇ. بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن كىرپىنىڭ پۈتۈن تېنى بىھوشلىنىپ، تېنى بوشاپ كېتىدۇ - دە، سېرىق ئاغمىخانغا مەززىلىك تاماق بولىدۇ. كىرپە كامار كولاپ ياشايدۇ، تىنچ مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، يورۇقلۇقتىن، ئىسسىقتىن، چۆچۈپ كېتىشتىن قورقىدۇ. كۈندۈزى ئۇۋىسىدا ياتىدۇ، كەچ كىرگەندە چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر. ھاشارات ۋە ئىچكى پارازىت قۇرتلارنى يەيدۇ، قۇش بالىلىرى، قۇش تۇخۇمى، پاقا، كەسلەنچۈك قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ. كىرپە ھەر يىلى4 - ئايدا جۈپلىشىپ، بالا تۇغىدۇ، بىر يىلدا بىر قېتىم بوغاز بولۇپ بىرنى تۇغىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ دۈمبىسىدىكى تۈكلىرى شالاڭ، يۇمشاق بولىدۇ، لېكىن بىرقانچە كۈندىن كېيىن تەدرىجىي قاتتىقلىشىپ تىكەنگە ئايلىنىدۇ. قىش كىرگەندە قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىپ، تولۇق بەش ئاي ئۇخلىغاندىن كېيىن ئاندىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. كىرپىنىڭ تېرىسى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنى خەنزۇچە »شەنرىنيى« دەپ ئاتايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
كىرپە | UyghurWiki | UyghurWiki