UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسۇۋەرەك

سۇۋەرەك

ھايۋاناتلار دۇنياسى سۇۋەرەك (تاراقان) (ھەسەنشېرىك) دائىم ئاشخانا، ھاجەتخانا، كىيىم ئىشكاپى، كىتاب ساندۇقى، شىرە تارتمىسى قاتارلىق جايلاردا ھەرىكەت قىلىپ يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ، كىتابلارنى غاجىلاپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇ ھەممە ئادەم بىرلىكتە يوقىتىشقا تېگىشلىك زىيانلىق قۇرتلارنىڭ بىرى. ھالبۇكى، سۇۋەرەك ئۇزاق تارىختىن بۇيان داۋاملىق ياشاپ100 مىليونلىغان يىللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىمۇ نەسلى قۇرۇمىغان، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «تىرىك تاشقاتما» دەپ ئاتىغان. نېمە ئۈچۈن سۇۋەرەكنى يوقاتسىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتقىلى بولمايدۇ؟ ئەسلىدە، سۇۋەرەكنىڭ تېنىدە ئىككى خىل «قورال» بار بولۇپ، بىرى، ئىنتايىن ئۆتكۈر «كۆز - قۇلىقى»؛ يەنە بىرى، توغرا ماڭىدىغان «سائىتى». سۇۋەرەكتە ئالتە پۇت بولىدۇ، بېشىدا بىر جۈپ سېزىش بۇرۇتچىسى بولىدۇ، تاشقى كۆرۈنۈشى تومۇزغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن تېنى ياپىلاق، نېپىز، پۈتۈن تېنى قوڭۇر قىزىل. ئۇنىڭ «كۆز - قۇلىقى» ساغرىسىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بىر جۈپ قۇيرۇق بۇرۇتچىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۈستىنى نۇرغۇن قويۇق ئۆسكەن ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ ئۇششاق تۈكلەر ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى قىسقا ھەم ئۇچلۇق بولۇپ، چوشقىنىڭ ياللىغا ئوخشايدۇ؛ يەنە بىر خىلى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، قارىماققا ئادەمنىڭ بىر تال چېچىغا ئوخشايدۇ، تۈكچىلەرنىڭ يىلتىزى بىر يۇمىلاق تەخسە شەكىللىك بۆرتمىنىڭ مەركىزىگە جايلىشىدۇ. بۇ خىل «يىپسىمان ئۇششاق تۈك» نىڭ يىلتىز قىسمى بىر ئىنتايىن سەزگۈر مىكرو تىپلىق رېتسېپتورنى (سېزىش ئاپپاراتىنى) تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ16 مىڭدىن1 مىللىمېتىر ئارىلىقتىكى سىلجىشنى سېزىپلا قالماستىن، تېخى ئۇنىڭ قايسى يۆنىلىشتىن كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ سېزەلەيدۇ. سۇۋەرەكنىڭ قۇيرۇق بۇرۇتچىسىدا مۇشۇنداق «كۆز - قۇلاق» تىن2000 دىن ئارتۇقى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ يەڭگىل ئاياغ تىۋىشىنى ياكى پالاق بىلەن ئۇرماقچى بولغان ھەرىكەتنى ناھايىتى ئاسانلا سېزىۋېلىپ دەرھال قېچىپ كېتىدۇ. سۇۋەرەكنىڭ ياشاش ئادىتى كۈندۈزى يېتىپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىش بولۇپ، كىشىلەر ئاسانلىقچە تۇتالمايدۇ. ئىلمىي ئۆلچەپ ئېنىقلاشتىن مەلۇم بولۇشىچە، سۇۋەرەكنىڭ ھەرىكەت (قىلىق) قانۇنىيىتى23 سائەت53 مىنۇت بولۇپ، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىيلىكىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدىكەن. كىشىلەرنىڭ سۇۋەرەككە تاقابىل تۇرۇشتا كۆپ خىل ئاماللىرى بار، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان سۇۋەرەك يوقىتىش بورى ۋە چەت ئەلدە ئىشلەپچىقىرىلغان «بىپۇ» ۋە «بەيگاۋ» قاتارلىق سۇيۇق دورىلار سۇۋەرەكنى يوقىتىشتا ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى