UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىبىئولوگىيىلىك قولچىراغ

بىئولوگىيىلىك قولچىراغ

ھايۋاناتلار دۇنياسى نۇر قاپاقلىق قىزىل كاراس بېلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ، تروپىك بەلۋاغدىكى يورۇقلۇق چىقىرىدىغان كىچىك تىپتىكى بېلىق بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى10 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، يان تەرەپكە ياپىلاق تېنى ئېللىپس شەكىللىك. بۇ خىل بېلىق ئادەتتە170 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز سۈيىدە ياشايدۇ. كېچىسى ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋاقتىدىلا ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىدۇ، نۇر قاپاقلىق قىزىل كاراس بېلىقىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئىقتىدارى ھەرقانداق جانلىقنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. كېچىسى تەخمىنەن15 مېتىر يىراقلىقتىن ئۇنىڭ چىقارغان يورۇقلۇقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. نۇر قاپاقلىق قىزىل كاراس بېلىقىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتى كۆزىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، مەڭگۈ يورۇقلۇق چىقىرالايدۇ. چۈنكى، نۇر قاپاقلىق قىزىل كاراس بېلىقىدا ھەقىقىي قاپاق بولمايدۇ، پەقەتلا قاپاققا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر قەۋەت قارا رەڭلىك تېرە پۈرمە پەردىسى بولىدۇ. بۇ بىر قەۋەت پەردە يۇقىرى كۆتۈرۈلسە يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتىنى توسۇۋالىدۇ - دە، «چىراغ» ئۆچىدۇ، بۇ بىر قەۋەت پەردە تۆۋەنگە ساڭگىلىسا يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتى ئېچىلىدۇ - دە، «چىراغ» يەنە يورۇيدۇ. بۇ بىر قەۋەت پەردە قولچىراغنىڭ ۋىكليۇچاتېلىغا ئوخشايدۇ. نۇر قاپاقلىق قىزىل كاراس بېلىقىنىڭ ئۆزىدە يورۇقلۇق چىقىرىش ئىقتىدارى بولمايدۇ، ئۇ چىقىرىدىغان يورۇقلۇق كۆزىنىڭ ئاستىدا پارازىت ياشايدىغان نەچچە يۈز مىليون باكتېرىيىلەرنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل باكتېرىيە بېلىقنىڭ قېنىدىن قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە ۋە ئوكسىگېننى يالتىراق نۇرغا ئايلاندۇرالايدۇ، نۇر قاپاقلىق قىزىل كاراس بېلىقى بولسا ئۇنىڭغا تايىنىپ يورۇقلۇق چىقىرىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا بېقىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. نۇر قاپاقلىق قىزىل كاراس بېلىقىنىڭ «چىرىغى» باشقا كىچىك جانلىقلارنى يېمەكلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە جەلپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۈشەندىلىرىنىمۇ چاقىرىپ كېلىپ، ئۆزى شۇ كۈشەندىلىرىگە يەم بولىدۇ. ھىندونېزىيىنىڭ باندا ئارىلىدىكى بېلىقچىلار نۇر قاپاقلىق قىزىل كاراس بېلىقىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ تېنىدىكى يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتىنى چىقىرىۋېلىپ، بېلىق تۇتۇش (قارماق) سايمانلىرىغا باغلاپ يەمچۈك قىلىپ چوڭ بېلىقلارنى تۇتىدۇ.نۇر قاپاقلىق قىزىل كاراس بېلىقى يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ كۈشەندىلىرىنى قورقۇتۇپ، قېچىپ كېتەلەيدۇ. ئۇ، ھۇجۇمغا ئۇچرىسا «Z» شەكىل بويىچە ئۈزۈپ، كۈشەندىسىنىڭ كۆزىنى ئالا چەكمەن قىلىپ، دۈشمىنىدىن قېچىپ قۇتۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
بىئولوگىيىلىك قولچىراغ | UyghurWiki | UyghurWiki