قىزىل قاشقا تۇرنا
ھايۋاناتلار دۇنياسى
جۇڭگو، چاۋشيەن ۋە ياپونىيىدە كىشىلەر تۇرنا بىلەن مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغاينى بىللە سىزىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، رىۋايەتلەردىكى تۇرنا دەل قىزىل قاشقا تۇرنا بولۇپ، ئۇ سازلىق ياكى تېيىز سۇلۇق جايلاردا ياشايدىغان چوڭ تىپتىكى بىر خىل سۇ كەچكۈچى قۇش، ئۇنىڭ قارىغاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران20 −30 يىل ياشايدىغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەيدۇ.
قىزىل قاشقا تۇرنىنىڭ مىجەزى نازاكەتلىك، تۇرقى گۈزەل، تۇمشۇقى، بوينى، پۇتى ئۇزۇن بولۇشتەك «ئۈچ ئۇزۇن» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. تىك تۇرغاندا ئېگىزلىكى1 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ تېنى ئاپئاق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، بوغۇزى، مەڭزى ۋە بوينى تۇتۇق قوڭۇر، ئۇزۇن ھەم ئەگرى قارا رەڭلىك ئۇچۇش پەيلىرى يايسىمان بولۇپ، ئاق رەڭلىك قۇيرۇق پەيلىرىنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ قىزىل رەڭلىك تاقىر بېشى قىزىل دوپپا كىيىۋالغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا، قىزىل قاشقا تۇرنا، دەپ نام ئالغان.
قىزىل قاشقا تۇرنا تىپىك پەسىل قۇشى بولۇپ، ھەر يىلى پەسىللىك كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، قانۇنىيەتلىك ھالدا جەنۇب بىلەن شىمال ئارىلىقىدا كۆچۈپ يۈرىدۇ. ئۇ كۆپىنچە ئوچۇقچىلىقتىكى كەڭ قومۇشلۇق ياكى ئوت - چۆپلىرى كۆپ سازلىقتا ياشايدۇ، ئاساسەن بېلىق، راك، سەدەپدارلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزسىمان غولى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. قىزىل قاشقا تۇرنا4 - ئاينىڭ باشلىرىدا جورا تاللاشقا باشلايدۇ. ھەركۈنى ئەتىگەندە ياكى گۇگۇم چۈشكەندە كىشىلەر قىزىل قاشقا تۇرنىنىڭ جورا ئىزدەپ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق بولۇپ2 −3 كىلومېتىر يىراقتىن ئاڭلىنىدۇ. مەڭگۈلۈك ھەمراھ تاللىغاندا، ئەركەك تۇرنا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ، بوينىنى سوزۇپ، قاناتلىرىنى كۆتۈرۈپ قاقىلداپ توختىماي سايرايدۇ، چىشى تۇرنا بولسا يېنىك ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئويناپ، قاق - قاق دەپ سايراپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ، بىر - بىرىنى قوغلىشىپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىدۇ، «توي» قىلىپ جورا بولۇپ قالسىلا مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولىدۇ. قىزىل قاشقا تۇرنا ئادەتتە4 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ چاڭگا ياساش مەزگىلى روشەن بولمايدۇ، تۇخۇم تۇغۇشتىن بىرقانچە سائەت بۇرۇن تۆت ئەتراپى سۇ بىلەن قورشالغان تېيىز قومۇشلۇق ساھىلىنى تېپىپ، چاڭگا ياسايدۇ. چىشى تۇرنا تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن چاڭگىسىدا يېتىپ تۇخۇم باسۇرىدۇ، ئەركەك تۇرنا ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، يېقىن ئەتراپتا تۇرۇپ قاراۋۇللۇق قىلىدۇ. بىر ئايلىق تۇخۇم باسۇرۇش مەزگىلىدە پەقەت چىشى تۇرنا ئوزۇق ئىزدىگىلى چىقىپ كەتكەندىلا، ئەركەك تۇرنا چىشى تۇرنىنىڭ ئورنىدا تۇخۇم باسۇرىدۇ.5
- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چۈجىلىرى تۇخۇم شاكىلىنى يېرىپ چىقىدۇ،20 نەچچە سائەتتىن كېيىن ئىرغاڭلاپ ماڭىدۇ، تېخى سۇ ئۈزەلەيدۇ، ئۈچ ئايدىن كېيىن يېتىلىپ شەكىلگە كىرىپ، ئەركىن ئۇچىدۇ. تەخمىنەن10 - ئاينىڭ باشلىرى، ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇلار ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ «八» شەكلىدە ياكى «−» شەكلىدە قاتار تىزىلىپ شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇپ، بىرقانچە مىڭ كىلومېتىرلىق كۆچۈش سەپىرىنى باشلايدۇ. ئىككىنچى يىلى3 - ئاينىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئۇچۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.
تەكشۈرۈپ ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ياۋا قىزىل قاشقا تۇرنىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئاران1200 ئەتراپىدا بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكىلىرى ئومۇمىي ساننىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇ، دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان.