UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىقۇلۇلە

قۇلۇلە

ھايۋاناتلار دۇنياسى قۇلۇلە دائىم چىرايلىق، نەپىس ياسالغان «كىچىك ئۆيى» نى يۈدۈۋېلىپ، نەم جايلاردا ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قۇرغاق پەسىلدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركىن - ئازادە «كىچىك ئۆيى» گە كىرىۋېلىپ سالقىنلايدۇ − يازلىق ئۇيقۇ (ئۈچەك)غا كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قۇلۇلە قاتتىق ئىسسىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ قۇلۇلە ئېغىزىنى ئېتىۋالىدۇ. ھەر نۆۋەت كەچ كۈز كەلگەندە، ئۇ يەنە كۆچۈشكە باشلاپ، تاشنىڭ ئارىلىرىغا، كامارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا كىرىپ يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن «كىچىك ئۆيى» گە قايتا كىرىپ يەنە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قاپچۇق ئېغىزىنى ئېتىۋېلىپ، سوغۇققا تاقابىل تۇرىدۇ، شۇنداق قىلىپ زىمىستان قىشنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئىككىنچى يىلى باھاردا ئويغىنىدۇ. قۇلۇلە ئاچلىققا بەك چىداملىق. تەجرىبە قىلىپ ئېنىقلىنىشىچە، قۇلۇلە تۆت يىل بىرنەرسە يېمىسىمۇ ئۆلمەيدىكەن. قۇلۇلە كۆپىنچە نەم، سايە، چىرىندىلىرى كۆپ جايدا ياشايدۇ. كۈندۈزى بىۋاسىتە چۈشىدىغان كۈن نۇرىدىن قېچىپ، دائىم «كىچىك ئۆيى» ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇقى ئاساسەن كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخ قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرماق بىخى ۋە زىرائەتلەرنىڭ يىلتىز، يوپۇرماقلىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يېزا ئىگىلىكىگە زىيانلىق. قۇلۇلە يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قورساق پۇتلۇقلار سىنىپى، ئۆپكىلىك قۇلۇلىلەر كەنجى سىنىپىغا تەۋە. ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قۇلۇلە قېپى ئىچىگە يوشۇرۇنغان، ھەرىكەت قىلغاندا قېپىنىڭ ئېغىزىدىن ياپىلاق ھەم يۇمشاق كاللەكسىمان پۇتىنى چىقىرىپ، يەر بېغىرلاپ ئىلگىرىلەيدۇ. پۇتىنىڭ ئاستىدا بەز تەنچىسى بار بولۇپ، ماڭغاندا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، قۇلۇلە يەر بېغىرلاپ ماڭغان يەردە ئىز قالدۇرىدۇ. قۇلۇلىنىڭ يەر بېغىرلاپ مېڭىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا، لېكىن ئۆز يولىنى بويلاپ قايتىپ كېلەلەيدۇ. قۇلۇلىنىڭ ئاتىلىق - ئانىلىقى بىر تەندە بولىدۇ، ئەمما ئۇرۇقلىنىش رولىنى چەتتىن چېتىشىپ ئورۇندايدۇ. ھەر يىلى باھار پەسلىدىن كۈز پەسلىگىچە قۇلۇلىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. قۇلۇلە تۇخۇم تۇغىدۇ، ئۇ ھەر يىلى بىرقانچە قېتىم تۇخۇم تۇغىدۇ، بالا قۇلۇلە تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ھامان ئۆزى ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يېيەلەيدۇ. قۇلۇلىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۈرى25 مىڭ بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. ئۇلار گەرچە يېزا ئىگىلىكىگە ئارىلاپ زىيان سالىدىغان زىيانلىق ھايۋان ۋە بەزى پارازىت قۇرتلارنىڭ ئارىلىقتىكى پارازىت ئىگىسى بولسىمۇ، لېكىن بەزى چوڭ تىپتىكى تۈرلىرىنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا، مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمال قىلىنىدىغان قۇلۇلىلەرنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش ھازىر خېلىلا ئومۇملاشتى.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
قۇلۇلە | UyghurWiki | UyghurWiki