UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىپرىپال بېلىقى

پرىپال بېلىقى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ياۋروپانىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدە بىر قەدىمىي ھەم قىزىقارلىق رىۋايەت بار: دېڭىز - ئوكياندىكى بىر خىل بېلىق كېمىنى كەينىگە تارتالايدىكەن ھەمدە ئۇنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتالايدىكەن، ھەتتا توختىتىپ قويالايدىكەن. بۇ خىل بېلىق دەل پرىپال بېلىقى (تامغا بېلىق). پرىپال بېلىقىنىڭ تېنى ئىنچىكە ئۇزۇن، باش قىسمى كەڭ ياپىلاق، بىرىنچى دۈمبە ئۈزگۈچىسى ئېللىپس شەكىللىك شورىغۇچى تەخسىسىگە ئۆزگەرگەن بولۇپ، خۇددى باش چوققىسىنىڭ كەينى تەرىپىگە تامغا بېسىلىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تامغا بېلىق دەپمۇ ئاتالغان. پرىپال بېلىقى مۇشۇ شورىغۇچى تەخسىسى ئارقىلىق لەھەڭ (ئاكۇلا)، دېڭىز تاشپاقىسى، كىت ۋە باشقا چوڭ تىپتىكى ھايۋانلارنىڭ قورساق قىسمىغا يېپىشىۋېلىپ، ئاشۇ چوڭ تىپتىكى بېلىقلارغا ئەگىشىپ دېڭىز - ئوكيانلاردا سەيلە - ساياھەت قىلىدۇ. بەزىدە يىراق ئوكيان پاراخوتلىرىنىڭ تېگىگە يېپىشىۋېلىپ دۇنيانى ئايلىنىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «ھەقسىز ساياھەت قىلغۇچى» دەپ ئاتايدۇ. پرىپال بېلىقى چوڭ بېلىقلارنىڭ قورسىقىغا يېپىشىۋېلىپ بىر تەرەپتىن ئاشۇ چوڭ مەخلۇقلارنىڭ ھەيۋىسىدىن پايدىلىنىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇنى بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئانچە كۈچىمەيلا چوڭ بېلىقلاردىن ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىپ تەييارغا ھەييار بولۇپ ياشايدۇ. ئۇ چوڭ بېلىقلارغا ئەگىشىپ يېمەكلىكلەر مول جايغا كەلگەندە دەرھال چوڭ بېلىقتىن ئايرىلىپ يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، قورسىقىنى راسا تويغۇزۇۋالغاندىن كېيىن، يەنە بىر ئوبيېكتنى تېپىپ قورسىقىغا يېپىشىۋېلىپ يېڭى ساياھىتىنى باشلايدۇ. پرىپال بېلىقىنىڭ شورىغۇچى تەخسىسى ۋە ئۆزگىچە ئاجايىپ ياشاش خۇسۇسىيىتى خېلى بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى. دېڭىز بويىدىكى بېلىقچىلار پرىپال بېلىقىنىڭ شورىغۇچى تەخسىسىنىڭ شوراش كۈچىدىن پايدىلىنىپ دېڭىز تاشپاقىسىنى تۇتىدۇ. ئۇلار پرىپال بېلىقىنىڭ قۇيرۇقىنى تانا بىلەن باغلىۋېلىپ، دېڭىز تاشپاقىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، پرىپال بېلىقىنى سۇغا قويۇپ بېرىدۇ، ئۇ دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ يېنىغا تېزدىن ئۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭغا مەھكەم يېپىشىۋالغاندىن كېيىن تانىنى ئاستا تارتىپ، دېڭىز تاشپاقىسىنى كېمىنىڭ قېشىغا سۆرەپ كېلىپ تۇتۇۋالىدۇ. ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى1 مېتىرغىمۇ توشمايدىغان پرىپال بېلىقىدا، قانداقسىگە شۇنچە زور كۈچ بولىدۇ؟ ئەسلىدە پرىپال بېلىقى شورىغۇچى تەخسىسى بىلەن مەلۇم بىر جىسىمغا يېپىشىۋالغاندا تەخسىدىكى سۇنى سىقىپ چىقىرىۋېتىپ، ۋاكۇئۇم ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئاتموسفېرا ۋە سۇنىڭ بېسىمى بىلەن شورىغۇچى تەخسىسى جىسىمغا مەھكەم يېپىشىۋالىدۇ. ئۇنى خېلى كۈچىگەندىلا ئاندىن تارتىپ ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر دېڭىز تاشپاقىسىغا ۋە چوڭ بېلىققا پرىپال بېلىقى يېپىشىۋالسا ئۇنىڭدىن قۇتۇلالىشى مۇمكىن ئەمەس.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى