UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىتۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈك

تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈك

ھايۋاناتلار دۇنياسى يېڭى زېلاندىيە ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئاراللاردا بىر خىل ھەم ئاجايىپ، ھەم ئىپتىدائىي ھايۋان ياشىماقتا. ئۇنىڭ تۇرقى كەسلەنچۈككە ناھايىتى ئوخشايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، كەسلەنچۈككىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئاغزى قۇشلارنىڭ تۇمشۇقىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈك دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ200 مىليون يىل بۇرۇنقى قەدىمكى تۇمشۇق باشلىق ھايۋانلارغا ئىنتايىن ئوخشايدۇ. تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى30 ~60 سانتىمېتىر، باش سۆڭىكىدە ئىككى دانە چېكە تۆشۈكى بولىدۇ، چىشلىرى چىش ئوقۇرىغا جايلاشماستىن، ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. بېشى چوڭ، ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك بولىدۇ، بېشىنىڭ چوققىسىدا بىر رودېمىنتلاشقان چوققا كۆزى بولۇپ، يورۇقلۇقتىن ناھايىتى قورقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندۈزى كاماردا دەم ئېلىپ، كېچىسى چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئومۇمەن نەم، ئازگال يەرلەرگە ياكى سۇ بويلىرىغا بېرىپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىچكى پارازىت قۇرت (لۆم - لۆم قۇرتلار)، قاسىراقلىق ھايۋانلار، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنى يەيدۇ. تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈك ئۆزى كەمدىن - كەم كامار كولايدۇ، دېڭىز قۇشلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. گەرچە ئۇلاردا ئورتاق تىل بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا تىنچ بىللە ياشىيالايدۇ. يېڭى زېلاندىيىدە مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن بورانقۇشلار ياشايدۇ، كۆپىيىش پەسلىگە كەلگەندە ئۇلار ئارالدا كامار كولاپ، بالا باقىدۇ. تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈك خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندەك، بورانقۇشنىڭ كامىرىغا بىمالال كىرىپ ماكانلىشىدۇ. بورانقۇشنىڭ مايىقىدا نۇرغۇن ھاشاراتلار ياشايدىغان بولغاچقا، تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈكنىڭ مەززىلىك تامىقى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قۇش تۇخۇمى ۋە قۇش بالىلىرى ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ، تۇخۇمدىن بىخەتەر چىقىپ، بىخەتەر يېتىلىدۇ. تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈكمۇ كامار ئىچىدە تۇخۇم تۇغۇپ، بالا يېتىلدۈرىدۇ. ھەر قېتىم8 ~15 تال تۇخۇم تۇغىدۇ،15 ئايدا تۇخۇمدىن چىقىدۇ. بالا كەسلەنچۈك تۇخۇم شاكىلىدىن چىقىپ20 ياشقا بارغاندا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، ئۆمرى100 يىلدىن ئاشىدۇ. تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈكلەر200 مىليون يىلنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان، ئەينى ۋاقىتتا تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈك شۇنچە ئۇزاق تارىخىي يىللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن مەيلى تېنىنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى ياكى تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە بولسۇن ھېچقانچە ئۆزگىرىش قىلمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «تىرىكتاشقاتما» دەپ نام ئالغان. سىرتقى مۇھىتنىڭ ھاۋا كىلىماتى ھەر خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ تۇمشۇق باشلىق كەسلەنچۈكتە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان تۈزۈلۈش ۋە فۇنكسىيە بولمىغانلىقتىن، ئۇلار نۆۋەتتە پەقەت بىرقەدەر ئىللىق جايلارغىلا تارقالغان.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى