شىر بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
شىر بېلىق (لېپارىس بېلىقى) ئاق دېڭىز ۋە بارېنتس دېڭىزىدا ياشايدىغان تۇرقى ئاجايىپ غەلىتە بىر خىل بېلىق. ئۇنىڭ تۇمشۇقى قىسقا، ئاغزى كىچىك، بېشى چوڭ، تېنى يۇمىلاق، قۇيرۇق سېپى ئىنچىكە - قىسقا، قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى يەلپۈگۈچكە ئوخشايدۇ، تېنىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە يەنە بويىغا بىرقانچە قاتار بولۇپ رەتلىك تىزىلغان نۇرغۇنلىغان شورىغۇچى تەخسىلىرى بولىدۇ. سۇ ئۈزگەندە كۆزىنى يوغان ئېچىۋالىدۇ، ھالىتى خۇددى ئەركەك شىرغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، شىر بېلىق دەپ ئاتالغان.
شىر بېلىق بېلىجانلىرىغا ناھايىتى غەمخورلۇق قىلىدۇ. بېلىجانلىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن كېچىشكىمۇ رازى. كۆپىيىش مەزگىلىدە چىشى شىر بېلىق تۇخۇملىرىنى دېڭىز بويىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش چېگرىسىدىكى تاش قىسىلچاقلىرىغا تۇغۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەركەك بېلىق ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسپېرما قويۇپ بېرىپ تۇخۇملارنى ئۇرۇقلاندۇرىدۇ. چىشى بېلىقنىڭ كۆپىنچىسى تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ھالىدىن كېتىپ ئۆلۈپ قالىدۇ، تۇخۇملارنى قوغداش ۋە بېلىجانلىرىنى بېقىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپە ئەركەك بېلىقنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە، بەزى تۇخۇملار سۇ يۈزىدە ئېچىلىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەركەك بېلىق تۇخۇمىنىڭ نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۇخۇمغا ئاغزى بىلەن سۇ پۈركۈيدۇ ياكى قۇيرۇق ئۈزگۈچىسىنى پالاقلىتىپ تۇخۇمغا سۇ چاچىدۇ. ئەگەر ئۇچار قۇشلار كېلىپ تۇخۇمغا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا ئەركەك بېلىق ئۈزلۈكسىز ۋارقىراپ قارشى تەرەپنى قورقۇتىدۇ. ھەتتا ئۇنى ئۇچار قۇشلار چوقۇلاپ ئۈچەي - باغرىنى چىقىرىپ قويسىمۇ، ھەرگىز چېكىنمەي تۇخۇملارنىڭ يېنىدا چىڭ تۇرۇپ قوغدايدۇ. دېڭىز سۈيى ئۆرلىگەندە ئەركەك شىر بېلىق يەنە تۇخۇمىغا زىيان سالماقچى بولغان راك، قىسقۇچپاقا، دېڭىز يۇلتۇزى قاتارلىقلار بىلەن ئېلىشىدۇ. بەزىدە دولقۇن كۆتۈرۈلسە تۇخۇملىرى چېچىلىپ كېتىدۇ، دولقۇن پەسەيگەندە ئەركەك شىر بېلىق ئالدىراپ - تېنەپ تۇخۇملىرىنى ئىزدەيدۇ.
بېلىجانلار تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن، ئەركەك بېلىق بېلىجانلىرىنى تۇشمۇ تۇشتىن قوغدايدۇ. خەۋپكە يولۇقسا، بېلىجانلىرى تەرەپ - تەرەپتىن دادىسىنىڭ قېشىغا توپلىشىۋېلىپ، تېنىدە ئالاھىدە بولىدىغان شورىغۇچى تەخسىلىرىدىن پايدىلىنىپ دادىسىنىڭ تېنىگە يېپىشىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بېلىجانلىرىغا ئامراق مېھرىبان دادا خۇددى سۇ ئاستى كېمىسىگە ئوخشاش، ئامراق بېلىجانلىرىنى قاچىلاپ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ بىخەتەر جايلارغا ئۈزۈپ كېتىدۇ.