UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىسەقەنقۇر

سەقەنقۇر

ھايۋاناتلار دۇنياسى سەقەنقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان شەكلى غەلىتە بىر خىل كىچىك بېلىق. بېشى ئاتنىڭ بېشىغا ئوخشايدۇ، پۈتۈن تېنى بىر «ئەجدىھا» غا ئوخشايدۇ. باش قىسمى بىلەن گەۋدىسى تۇتاشقان تىك بۇلۇڭسىمان چوققىسىدىن تارتىپ غۇژمەكلىنىپ تۇرغان قۇيرۇق ئۇچىغىچە بىر تال كۆرۈنەرلىك تارغاقسىمان ئومۇرتقا شەكىللەنگەن. ئۇ، ئادەتتە غۇژمەك قۇيرۇقى بىلەن سۇ يۈسۈنلىرىنى يۆگىۋېلىپ دەم ئالىدۇ، سۇ ئۈزۈش ۋاقتىدا تېنىنى سۇدا تىك تۇرغۇزۇپ، دۈمبە ئۈزگۈچىسىنى پالاقلىتىپ، ئۈستىگە تىك چىقىپ، ئاستىغا تىك چۈشۈپ ئۈزىدۇ. سەقەنقۇرنىڭ بالا تۇغۇپ بېقىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، چىشى سەقەنقۇر ئورنىدا ئەركەك سەقەنقۇر بوغاز بولىدۇ ۋە تۇغىدۇ. ئەسلىدە، ئەركەك سەقەنقۇر قۇيرۇقىنىڭ ئالدى تەرەپ تۆۋەن قىسمىدا بىر خالتا بار بولۇپ، تۇخۇم باسۇرۇش خالتىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خالتا ئىككى قەۋەت پۈرمە تېرىنىڭ ئۇلىنىشىدىن شەكىللەنگەن. خالتىنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر كىچىك تۆشۈك بار بولۇپ، ئۇ چىشى سەقەنقۇرنىڭ تۇخۇمىنى سالىدىغان ۋە بېلىجانلىرىنىڭ خالتىدىن چىقىپ كېتىشىدىكى ئىشىكىدۇر. چىشى سەقەنقۇر ھەرقېتىم تۇغقان بىرقانچە يۈز دانە تۇخۇمىنى شۇ تۆشۈك ئارقىلىق ئەركەك سەقەنقۇرنىڭ خالتىسىغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، تۇخۇم ۋە تۆرەلمىلەر يېتىلىپ بېلىجانغا ئايلانغىچە شۇ يەردە يېتىلىدۇ. سەقەنقۇر تېيىز دېڭىزدا ياشاپ، كىچىك تىپتىكى قاسىراقلىق ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، ئاساسەن شىمالىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىغا تارقالغان، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىمۇ بار، بولۇپمۇ نەنخەي دېڭىزىدا ئەڭ كۆپ. سەقەنقۇرنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ مېھرىگىياھ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، خەلق ئارىسىدا «جەنۇبتا سەقەنقۇر، شىمالدا مېھرىگىياھ» دېگەن سۆزلەر بار.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
سەقەنقۇر | UyghurWiki | UyghurWiki