UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىھايۋانلار ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى

ھايۋانلار ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى ئوخشاش بولمايدۇ. بىر تۈردىكى ھايۋان بولسىمۇ، ئىندىۋىدلىرىنىڭ ئۆمرىدىكى پەرق ناھايىتى زور بولىدۇ. مەسىلەن، بالتىق دېڭىزىدا ياشايدىغان سېلد بېلىقى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا10 يىللا ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئەمما نورۋېگىيە دېڭىزىدا ياشايدىغان سېلد بېلىقىنىڭ ئۆمرى25 يىلغا يېتىدۇ. كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك دېڭىز تاشپاقىسىنى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. دۆلىتىمىز خەلقلىرى ئارىسىدا «مىڭ يىللىق تاشپاقا» دەيدىغان گەپ بار. دېڭىز بويىدىكى بېلىقچىلار ئۇنى ئامەتنىڭ بېشارىتى دەپ قاراپ، تۇتۇۋالسا دېڭىزغا قويۇۋېتىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ لوندون ھايۋانات باغچىسىدا300 يىلدىن ئارتۇق ياشىغان بىر دېڭىز تاشپاقىسى بېقىلماقتا. يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ئىچىدە تىمساھنىڭ ئۆمرىمۇ بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئومۇمەن60 يىل ئەتراپىدا ياشىيالايدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغىنى پىل بولۇپ تەخمىنەن70 يىلدىن كۆپرەك ياشايدۇ. شىمپەنزە ۋە ئادەمسىمان مايمۇنلار50 −60 يىل ياشىيالايدۇ. ئۆي ھايۋانلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغىنى ئېشەك بولۇپ،50 ياشقىچە ياشىيالايدۇ. بەزى كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ. مەسىلەن، غاجىلىغۇچىلار ئىچىدىكى كىچىك ھايۋانلار كۆپ بولغاندا ئاران ئۈچ يىل ئەتراپىدا ياشىيالايدۇ. بېلىقلاردىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرى بار. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئىت بېلىق200 يىلدىن ئارتۇق ياشايدىكەن، كارپ بېلىقى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا300 يىل ياشايدىكەن؛ بىر خىل ئاق ئۇستېر بېلىقى100 يىلدىن ئارتۇق ياشىيالايدىكەن. ئۆمرى ئەڭ قىسقا سۈزۈك گوبىئوس بېلىقى ئاران بىر يىل ياشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزدىن چىقىدىغان تەيخۇ سالان بېلىقى (كۈمۈش بېلىق)، ئامودىتىس بېلىقى قاتارلىقلارمۇ ئاران بىر يىل ياشىيالايدۇ. ھازىر ياشاۋاتقان ھايۋانلار ئىچىدە ئۆمرى ئەڭ قىسقىلىرى بەزى ئىپتىدائىي ھايۋانلار مەسىلەن، تۇفېلكا، كىرپىك تۈكلۈك قۇرت، ئاميوبا قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئاران بىرقانچە كۈن ھەتتا بىرقانچە سائەتلا ياشىيالايدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى كىلىمات، تېمپېراتۇرا ۋە كۈشەندە قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇنىڭدا قانۇنىيەتمۇ بولمايدۇ. ھايۋانلار ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى تۈرلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ ھەمدە ئىندىۋىدنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھايۋانلارنىڭ ئۆمرى ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ ئەھۋالى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بىر تۈردىكى ھايۋان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ئوخشاش بولمىسا ئۆمرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى