دىنوزاۋر
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دىنوزاۋر ئەسلىدە يەر شارىدىكى غايەت زور مەخلۇق بولۇپ، يەر شارىغا170 مىليون يىل «ھۆكۈمرانلىق» قىلىپ، كېيىن بىراقلا يوقالغان. ئۇنىڭ نەسلىنىڭ زادى قانداق قىلىپ قۇرۇپ كەتكەنلىكى ئىلىم - پەندىكى تا بۈگۈنگە قەدەر يېشىلمىگەن بىر سىردۇر.
رىۋايەتلەردىكى ئەجدىھا مۈڭگۈزى ۋە تەڭگىچىلىرى بار بىر خىل ھايۋان بولۇپ، ماڭالايدىكەن، ئۇچالايدىكەن، سۇ ئۈزەلەيدىكەن. لېكىن، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىدا بۇنداق ئەجدىھا بولۇپ باقمىغان، ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى نەرسە، خالاس. دىنوزاۋر ئەجدىھا ئەمەس، دېگەن قاراشنى1841 - يىلى ئەنگلىيىلىك ئالىم ئوۋۋېن بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. تاشقاتما توغرىسىدىكى ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇ بۇنىڭدىن70 مىليون يىلدىن200 مىليون يىلغىچە بولغان مېزوزوي ئېراسىدا ياشىغان ھايۋان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا دىنوزاۋر ۋەكىللىكىدىكى تۆت پۇتلۇق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار پۈتۈن يەر شارىنى ئىگىلىگەن.
دىنوزاۋرنىڭ تېنى غايەت چوڭ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى30 مېتىر كېلىدۇ، ئۇزۇن بوينىدا كىچىك بېشى بولۇپ، ھەقىقەتەن «پۇت - قوللىرى تەرەققىي قىلغان، كاللىسى ئاددىي» غەيرىي مەخلۇق ئىدى. تېنىنىڭ ئارقىسىدا يەنە سۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن قۇيرۇقى بار ئىدى.
دىنوزاۋرلار كەسلەنچۈكسىمان دىنوزاۋرلار ۋە قۇشسىمان دىنوزاۋرلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. كەسلەنچۈكسىمان دىنوزاۋرلار گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئارقا پۇتى بىلەن ئۆرە تۇراتتى، ئالدى پۇتى تەرەققىي قىلمىغانىدى، مەسىلەن، مەشھۇر تىراننوزاۋر، ئاللوزاۋر (سەكرىگەك دىنوزاۋر) لار. ئۇلارنىڭ پۇتى ئۇزۇن، يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېز بولۇپ، ھازىرغا قەدەر يەر شارىدا پەيدا بولغان ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك گۆشخور ھايۋانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ چىشلىرى بەك ئۆتكۈر بولۇپ، باشقا ھەر خىل ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەپلا قالماستىن، ئۆز تۈركۈمىدىكى ئوتخور دىنوزاۋرلارنىمۇ قولدىن بەرمەيتتى.
قۇشسىمان دىنوزاۋرلار ئوت - چۆپ يەيدىغان، تۆت پۇتى يەرگە تېگىدىغان دىنوزاۋرلار ئىدى. ئۇلار سازلىق رايونلاردا ياشايتتى، ئېغىرلىقى100 توننىغا يېتەتتى. بېشى كەسلەنچۈكسىمان دىنوزاۋرلارنىڭكىدىنمۇ كىچىك ئىدى، مەسىلەن، بروننوزاۋر، دىپلودوكۇس، نامازاۋر قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن تۈرلەردە قاتتىق ساۋۇتى ياكى ئۆتكۈر ئۇچلۇق مۈڭگۈزى بار ئىدى. يەنە بەزى تۈرلىرى دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇچقاندەك يۈگۈرەيتتى. ئامېرىكىنىڭ كولودوت رايونىدا بىر خىل بروننوزاۋرنىڭ ئۇستىخىنىنىڭ تاشقاتمىسى بايقالغان، ئۇ دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ چوڭ دىنوزاۋر تاشقاتمىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى24 مېتىر، ئېغىرلىقى80 توننا، ئېگىزلىكى15 ~18 مېتىر، بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقىلا12 مېتىر چىققان. دۆلىتىمىزدىن بايقالغان ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل دىنوزاۋر سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ خېچۇەن ناھىيىسىدىن قېزىۋېلىنغان خېچۇەن مامىنشىزاۋر بولۇپ، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى22 مېتىر، ئېگىزلىكى5 .3 مېتىر، ئېغىرلىقى40 −50 توننا، ئۇنىڭ ئىسكىلىتى ھازىر تەبىئەت مۇزېيىغا قويۇلغان.