UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىيىلانبېلىق

يىلانبېلىق

ھايۋاناتلار دۇنياسى يىلانبېلىق بىر خىل غەلىتە بېلىق بولۇپ، ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى دېڭىز - ئوكياندا، يېرىمىنى دەريالاردا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ھەر يىلى قىش كىرگەندە دەريالاردىن دېڭىزغا ئۈزۈپ كىرىپ، شىشا تاقىم ئاراللىرى ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دېڭىزنىڭ ياكى باشقا دېڭىزنىڭ400 −500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىغا چۈشۈپ تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىنكى يىلانبېلىق بېلىجانلىرى يەنە توپ - توپ بولۇپ بەس - بەستە ئېقىنغا قارشى ئۈزۈپ، دەريالارغا قايتىپ كېلىپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بۇ بىر خىل يۇقىرى ئېقىمغا كۆچۈش ھادىسىسىدۇر. يىلانبېلىق يۇقىرى ئېقىمغا كۆچۈش جەريانىدا شارقىراتما، توسما قاتارلىقلارغا يامىشىپ چىقىپلا قالماستىن ھەتتا چوڭ - چوڭ ھۆل تاشلاردىن ئۆمىلەپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىدە تۆت ئەتراپى ئېتىز بىلەن قورشالغان كۆلچەكلەردىنمۇ يىلانبېلىقنى تۇتقىلى بولىدۇ. يىلانبېلىق دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن يۇقىرى ئېقىمىغا قاراپ كۆچىدۇ، ئۇ دېڭىزدا تۇخۇمدىن چىقىپ دەريادا چوڭىيىدۇ. ھەر يىلى كۈزدە يېتىلگەن يىلانبېلىق كۈمۈش رەڭ توي كىيىمىنى كىيىپ، سەپەر قىلىپ تۇخۇم تۇغۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ. يىلانبېلىق ئۇزۇن سەپەر قىلىپ، نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، ئاخىر چارچاپ ھالىدىن كېتىپ تۇخۇم تۇغىدىغان مەيدانغا بېرىپ، چېتىشىپ تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. تۇخۇمدىن يېڭى چىققان يىلانبېلىقنىڭ بېلىجىنى كىچىك بولۇپ، شەكلى سۆگەت يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ، تېنى ناھايىتى سۈزۈك بولۇپ «سۆگەت يوپۇرماق بېلىجىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار دېڭىز ئېقىنىنى بويلاپ لەيلەپ يۈرۈپ دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا كېلىپ، ھالەت ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېتىلىپ سۈزۈك، ئاق، يىپسىمان «ئەينەك يىلانبېلىق» قا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن دەريا ئېقىنىغا قارشى ئۈزۈپ، بارلىق كۈچى بىلەن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا ئۈزۈپ بارىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي تېنىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىپ قارىداپ «يىپسىمان يىلانبېلىق» قا ئايلىنىدۇ. تاتلىق سۇلۇق ياشاش ئورنىغا بارغاندىن كېيىن، ئۆسۈش، يېتىلىش ئارقىلىق تېنىنىڭ رەڭگى يەنە قوڭۇر سېرىققا ئۆزگىرىدۇ. بۇ چاغدا «سېرىق يىلانبېلىق» دەپ ئاتىلىدۇ. دەريادىن دېڭىزغا كۆچۈشنىڭ ئالدىدا تېنىنىڭ رەڭگى كۈمۈش رەڭگە ئۆزگىرىپ «ئاق يىلانبېلىق» قا ئايلىنىدۇ. يىلانبېلىق ئادەتتە دەريانىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشايدۇ، ئۇششاق بېلىق، ئۇششاق راك، سۇ ھاشاراتلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
يىلانبېلىق | UyghurWiki | UyghurWiki