دېڭىز توشقىنى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دېڭىز توشقىنى ئەمەلىيەتتە توشقان ئەمەس. دېڭىزدا ياشايدىغان بۇ خىل ھايۋاننىڭ باش قىسمىدا ئىككى جۈپ سېزىش مۈڭگۈزى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئالدى تەرەپتىكى بىر جۈپى تېگىش سېزىمىگە مەسئۇل، ئارقا تەرەپتىكى بىر جۈپى پۇراش سېزىمىگە مەسئۇل، دېڭىز توشقىنى ئۆمىلەپ ماڭغاندا سېزىش مۈڭگۈزىنى ئالدىغا ۋە ئىككى يانغا سوزالايدۇ. ئارام ئالغاندا خۇددى توشقاننىڭ ئىككى قۇلىقىدەك تىك تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىز توشقىنى دەپ ئاتالغان.
دېڭىز توشقىنى يۇمشاق تەنلىك ھايۋان بولۇپ، تېيىز دېڭىزدا ياشايدىغان قۇلۇلىلەرگە تەۋە. لېكىن، قاپچۇقى رودىمېنتلىشىپ بىر قەۋەت نېپىز، سۈزۈك، بۇرمىلىرى يوق مۈڭگۈز ماددىلىق قاپچۇققا ئايلىنىپ دۈمبە قىسمىدىكى سىرتقى قاپچۇق پەردىسى ئاستىغا كۆمۈلۈپ تۇرىدۇ، ئۇنى سىرتىدىن پەقەتلا كۆرگىلى بولمايدۇ.
دېڭىز توشقىنى ھەر خىل دېڭىز يۈسۈنلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭدا دۈشمىنىدىن قۇتۇلىدىغان بىر يۈرۈش ئالاھىدە ئىقتىدار بار بولۇپ، قانداق رەڭدىكى دېڭىز يۈسۈنىنى يېسە رەڭگى شۇ رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، قىزىل يۈسۈن يەيدىغان دېڭىز توشقىنىنىڭ رەڭگى قىزىل ئەتىرگۈل رەڭگىدە بولىدۇ، فوكۇس يۈسۈنىنى يەيدىغان دېڭىز توشقىنىنىڭ رەڭگى قوڭۇر يېشىل بولىدۇ. بەزى دېڭىز توشقانلىرىنىڭ تېنىنىڭ سىرتقى يۈزىدە تىۋىتسىمان ۋە دەرەخ شېخىسىمان ئۆسۈندىلىرى بولىدۇ، شۇڭا دېڭىز توشقىنىنىڭ تەن شەكلى، رەڭگى ۋە گۈل سىزىقچىلىرى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ياشاش مۇھىتىدىكى دېڭىز يۈسۈنلىرىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىك ۋە خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
دېڭىز توشقىنى دۈشمىنىدىن ھەم پاسسىپ مۇداپىئەلىنىدۇ، ھەم ئاكتىپ مۇداپىئەلىنەلەيدۇ. دېڭىز توشقىنىنىڭ تېنىدە ئىككى خىل بەز بار بولۇپ، بىر خىلى سۆسۈن رەڭلىك بەز دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ سىرتقى قاپچۇق پەردىسى گىرۋىكىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلىشىدۇ، دۈشمىنىگە يولۇققاندا نۇرغۇن سۆسۈن قىزىل سۇيۇقلۇق قويۇپ بېرىپ ئەتراپىدىكى دېڭىز سۈيىنى سۆسۈن رەڭدە بويىۋېتىپ، دۈشمىنىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. يەنە بىر خىل زەھەرلىك بېزى بولۇپ، سىرتقى قاپچۇق پەردىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا جايلىشىدۇ، ئۇ ئازراق كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، بەتبۇي سۈتسىمان بىر خىل سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ سۇيۇقلۇق دۈشمىنىدىن مۇداپىئە كۆرىدىغان خىمىيىۋى قورالىدۇر.
باھار كۈنلىرى دېڭىز توشقىنىنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بولۇپ، ئاتىلىق - ئانىلىقى بىر تەندە بولىدۇ، لېكىن دېڭىز توشقانلىرى چەتتىن ئۇرۇقلىنىدۇ. دېڭىز توشقىنىنىڭ چېتىشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئۆزگىچە بولىدۇ: ئادەتتە بەشتىن ئون نەچچىگىچە بولغان دېڭىز توشقانلىرى تىزىقتەك قاتار تىزىلىشىپ چېتىشىدۇ. بۇ چاغدا ئەڭ ئالدىدا تۇرغان بىر دېڭىز توشقىنى چىشىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇرغان بىرى ئەركەكلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئوتتۇرىسىدا تۇرغىنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغان دېڭىز توشقىنىغا نىسبەتەن ئەركەكلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان دېڭىز توشقىنىغا نىسبەتەن چىشىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلدىكى چېتىشىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. تۇخۇم تۇغۇشى چېتىشىش جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى ئايرىلىپ كېتىپ بىرقانچە سائەتتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ تۇخۇمنى ناھايىتى كۆپ تۇغىدۇ، لېكىن بالا چىقىرالايدىغان تۇخۇم ناھايىتى ئاز بولىدۇ. تۇخۇملارنىڭ ھەممىسى لېنتىسىمان يېلىم ماددىلىق يىپلارغا ئورىلىپ تۇرىدۇ، بۇنى گۇاڭدۇڭنىڭ دېڭىز بويىدىكىلەر «دېڭىز فىنتوزىسى» دەپ ئاتايدۇ، ئۇ ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول، مەززىلىك يېمەكلىك، شۇنداقلا ياللۇغنى، ئىسسىقنى قايتۇرالايدىغان ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ.
دۆلىتىمىزدىكى دېڭىز توشقانلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى قارا بارماق سىزىقلىق دېڭىز توشقىنى، كۆك داغلىق دۈمبە مەقئەتلىك دېڭىز توشقىنى قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسەن شەرقىي جەنۇبى دېڭىز ياقىلىرىغا تارقىلىدۇ.