پىستىقىسقۇچپاقا ۋە يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە
ھايۋاناتلار دۇنياسى
پىستىقىسقۇچپاقا دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك قىسقۇچپاقا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قاسىرىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئومۇمەن بىرقانچە مىللىمېتىر چىقىدۇ، ئەڭ چوڭلىرى1 سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ، ئەڭ كىچىكلىرى بىر تال گۈرۈچچىلىك كېلىدۇ. ئۇلار تېيىز دېڭىزدا ياشايدۇ، شەكلى سويا پۇرچاققا ئوخشايدۇ، رەڭگى سۇس سېرىق، كىچىك پىستىقىسقۇچپاقىنىڭ تېنى كىچىك بولغانلىقتىن ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋە دۈشمىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى تۆۋەن. شۇڭا، ئۆزى ئۈچۈن دائىم «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» ئىزدەيدۇ. ئۇلار دائىم مېدۇزا، دېڭىز ئاپتاپپەرىسى، دېڭىز بۇلۇتى، قۇلۇلىلەر ۋە تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار بىلەن ئورتاق ماكان تۇتىدۇ ياكى ئورتاقلىشىپ ياشايدۇ.
پىستىقىسقۇچپاقا ئىزدەيدىغان «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» ئىچىدە ئوستېر قۇلۇلىسى، ئاترىنا قۇلۇلىسى، يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە قاتارلىق ئون نەچچە تۈرى بار. لېكىن، پىستىقىسقۇچپاقا ئۇلارنىڭ ژابراسى، سىرتقى قاپچۇق پەردىسى، تۇخۇمدىنى ۋە ھەزىم قىلىش بېزى قاتارلىقلارغا دائىم زىيان - زەخمەت يەتكۈزىدۇ، شۇڭا «مۇناسىۋىتى» دە ئاز - تولا غەلىتىلىك كۆرۈلۈپ، ئانچە چىقىشالمايدۇ. ئەمما، پىستىقىسقۇچپاقا يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە بىلەن يەڭ ئىچىدە كېلىشىۋېلىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ئەپ ئۆتىدۇ.
يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئېچىۋېتىلگەن يەلپۈگۈچكە ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ قاپچۇق يېپىش مۇسكۇلى قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن بىر خىل قىممەتلىك دېڭىز نازۇ نېمىتى قىلىنىدۇ. يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە قاپچۇقىنى ئاچقاندا پىستىقىسقۇچپاقا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇششاق مىكرو ئورگانىزملارنى ياكى ئورگانىك پارچە - پۇراتلارنى تېپىپ قورساق تويغۇزىدۇ. قۇلۇلە قاپچۇقى يېپىلغاندا بولسا پىستىقىسقۇچپاقا يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلىنىڭ چىقىرىندىلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. كۈچلۈك دۈشمىنى يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلىگە ھۇجۇم قىلغاندا ھوشيار پىستىقىسقۇچپاقا يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلىنىڭ يۇمشاق تېنىنى دەرھال قوچۇپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە قاپچۇقىنى دەرھال يېپىۋېلىپ خەتەردىن قۇتۇلىدۇ.
يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلىنىڭ كۈشەندىسى قىزىل قۇلۇلە بولۇپ ئۇ بىر خىل سېرىق رەڭلىك، ئاچچىق پۇراقلىق زەھەرلىك سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلىنىڭ قاپچۇق ياپقۇچى مۇسكۇلىنى بىھوش قىلىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قاپچۇقى ئۇزۇنغىچە يېپىلالماي قالىدۇ، قىزىل قۇلۇلە يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلىنى ئاستا - ئاستا يەۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا پىستىقىسقۇچپاقا ئىككى قىسقۇچ پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قىزىل قۇلۇلىنى قوغلىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە بىھوش ھالىتىدىن ئاستا - ئاستا ئويغىنىدۇ. پىستىقىسقۇچپاقا بۇ خىل سورۇندا يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەتچىسىلىك رولىنى ئوينايدۇ.