ئۇچار بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
تروپىك بەلۋاغ، مۆتىدىل بەلۋاغدىكى دېڭىزدا پاراخوت بىلەن سەپەر قىلغاندا، بىر خىل ئۇچالايدىغان كىچىك بېلىقنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بەزىدە ئۇلار پاراخوتنىڭ پالوبىسىغا چۈشۈپ قالىدۇ، كىشىلەر ئۇنى ئۇچار بېلىق دەپ ئاتايدۇ.
ئۇچار بېلىقنىڭ كۆرۈنۈشى غەلىتە، تېنى سۈيۈر شەكىللىك، ئىنچىكە ئۇزۇن ھەم يان تەرىپى بويىچە ياپىلاق، كۆكرەك ئۈزگۈچىسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان ھەمدە ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، قۇيرۇق قىسمىغىچە ئۇزىراپ بارغان. ئۇچار بېلىق ئىككى ئۈزگۈچىسىنى كەرسە خۇددى قۇشلارنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدۇ، قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى چوڭقۇر ئاچىماقلىنىدۇ، تۆۋەن ئاچىسى ئۈستى ئاچىسىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. سۇ ئىچىدە يىرتقۇچ جانلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا سائىتىگە40 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن سۇ يۈزىگە ئۇچۇپ چىقىدۇ. شامال كۈچى مۇۋاپىق بولغاندا سۇ يۈزىدىن4 −5 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىدا200 −300 مېتىر ئۇچالايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئۇچار بېلىق ئۇچالمايدۇ، بەلكى سىيرىلىشقا تايىنىپ ھاۋا بوشلۇقىدا توختاش ئىقتىدارىغا ئېرىشىدۇ. ئۇچار بېلىق سۇدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىر تەرەپتىن كۆكرەك ئۈزگۈچىسى بىلەن قورساق ئۈزگۈچىسىنى چىڭ يىغىۋېلىپ تېز سۈرئەتتە ئۈزىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قۇيرۇقى بىلەن سۇنى كۈچەپ ئۇرىدۇ. ئۇچار بېلىق ئۇدا بىرقانچە قېتىم سۇدىن چىقىپ سىيرىلىدۇ، بىردەم ئۇچۇپ، بىردەم چۈشىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر تەرەپتىن ھاۋادىكى ئۇچار قۇشلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېڭىزدىكى ياۋۇز بېلىقلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
ئۇچار بېلىقنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى سىپسېلۇرۇس ئۇچار بېلىقى بىلەن سىيرىلغۇچى ئۇچار بېلىق قاتارلىقلار. ئۇلار ئۇششاق لەيلىگۈچى جانلىقلارنى يەيدۇ. ھەر يىلى4 -،5 - ئايلاردا ئېكۋاتور ئەتراپىدىن دۆلىتىمىزنىڭ خەينەنداۋ ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا كېلىپ تۇخۇم تۇغىدۇ ھەمدە ئۇچار بېلىق ئوۋلاش مەزگىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۇچار بېلىقنىڭ گۆشى مەززىلىك بولۇپ، يېڭى پېتى يېيىشكە، تۇزلاپ قۇرۇتۇۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.