UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىياچىۋەك

ياچىۋەك

ھايۋاناتلار دۇنياسى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرىدە چى جۇاڭگۇڭ ئوردىدىن چىقىپ ئوۋ ئوۋلاشقا ماڭغاندا يولدا بىر ياچىۋەك ئۇچراپ قېلىپ، بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىلىكىنى شىلتىپ، جۇاڭگۇڭنىڭ ھارۋا چاقىنى توسۇۋالغانىكەن. چى جۇاڭگۇڭ ھارۋىكەشتىن «بۇ قانداق نەرسە» دەپ قىزىقىپ سورىسا، ھارۋىكەش خۇشامەت بىلەن: «بۇ، ئۆزىنى چاغلىمىغان بىر ياچىۋەك» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ «ياچىۋەكنىڭ ئۆزىنى چاغلىماي ھارۋا توسۇشى» دېگەن تەمسىل ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھارۋىنى توسۇشقا جۈرئەت قىلغان ياچىۋەكتە ھەقىقەتەن بىر جۈپ توم، كۈچلۈك بىلەك بار بولۇپ، ھاشاراتلار ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ياچىۋەكنىڭ بىر جۈپ كۈچلۈك ئالدى پۇتى بار بولۇپ، كۆكرىكىگە قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇزۇن بوينىنىڭ چوققىسىدا ياپىلاق، ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك بېشى بولىدۇ. كىچىككىنە ئاغزىدا كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان بىر جۈپ قارا تاڭلىيى بولىدۇ؛ بوينى يۇمشاق بولۇپ، بېشىنى خالىغان تەرەپكە بۇرىيالايدۇ. ئۇنىڭ تۇرقى مۇلايىم، شۇڭا قەدىمكى يۇنانلىقلار ئۇنى «دۇئا قىلىشنى بىلىدىغان ياچىۋەك» دەپ ئاتىغانىدى. ياچىۋەك ئادەتتە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قونۇپ ياشايدۇ، رەڭگى ئۆزى تۇرغان مۇھىت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوڭاي بايقىغىلى بولمايدۇ. ئۇ كۆپىنچە، بېشىنى، پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۈشمەن ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ. ئەگەر نىشان بايقالسا پاچىقىنىڭ ئۇچىدىكى ئىلمىكىنى ئوقيا ئېتىلغاندەك چىقىرىپ، ئوۋنى شۇ ھامان تۇتۇۋالىدۇ، ھەرگىزمۇ قۇرۇق قول قالمايدۇ. ياچىۋەك گۆشخور ھاشارات بولۇپ، ئادەتتە چېكەتكە، چىۋىن، پاشا، كېپىنەك، پەرۋانە قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى يەيدۇ. بىر ياچىۋەك2 -3 ئاي ئىچىدە700 تالدىن ئارتۇق پاشىنى يەۋېتىدۇ. ياچىۋەكنىڭ يېمەكلىكىنى دەل ھەم توغرا تۇتالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ بىر جۈپ مۇرەككەپ كۆزىدە بىر يۈرۈش مۇكەممەل ئىزىغا چۈشۈپ قارىغا ئېلىش سىستېمىسى بولىدۇ. مۇشۇ بىر يۈرۈش قارىغا ئېلىش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ئېتىلىپ ھۇجۇم قىلىشتىن تارتىپ ئوۋنى قولغا چۈشۈرگىچە ئاران05 .0 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا ھەر قېتىملىق ھۇجۇمى يۈزدە يۈز نەتىجىلىك بولىدۇ. ياچىۋەك چالا ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشارات. ھەر يىلى كۈزدە چېتىشىدۇ، چېتىشىپ بولغاندىن كېيىن چىشى ياچىۋەك كۆپىنچە ئاچلىق سەۋەبىدىن ئەركەك ياچىۋەكنى يەۋېتىدۇ. ھەربىر چىشى قۇرت4 −5 تال غىلىپى بار تۇخۇم تۇغىدۇ. غىلىپى بار تۇخۇم كۆپىنچە دەرەخ شېخى، دەرەخ قوۋزىقى ياكى تاشقا يېپىشىپ قالىدۇ، ئىككىنچى يىلى يازدا تۇخۇمدىن چىقىپ،3 ~12 قېتىم قاسىراق تاشلىغاندىن كېيىن ئاندىن يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
ياچىۋەك | UyghurWiki | UyghurWiki