كېپىنەك بېلىق
ھايۋاناتلار دۇنياسى
تروپىك بەلۋاغ دېڭىزىدا رەڭگى چىرايلىق، تۇرقى ھەر خىل بولغان كىچىك تىپتىكى بېلىقلار ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۇمىلاق، بەزىلىرى چاسا شەكىللىك، بەزىلىرى رومبا شەكىللىك بولۇپ كېپىنەكتەك چىرايلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كېپىنەك بېلىق دەپ ئاتالغان.
كېپىنەك بېلىق ھەم پەرداز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەم كىشىنى قايمۇقتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. نۇرغۇن تۈردىكى كېپىنەك بېلىق قۇيرۇقىنىڭ ئالدى ئۈستى تەرىپىدە بىر قارا داغ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئاق رەڭلىك ياكى سېرىق رەڭلىك گىرۋەك بولىدۇ. بۇ داغ ئۇنىڭ باش قىسمىدىكى كۆزى بىلەن سىممېترىك جايلاشقان بولۇپ، شەكلىمۇ خۇددى بېلىق كۆزىگە ئوخشايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ كۆزى باش قىسمىدىكى قارا داغ ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. كېپىنەك بېلىق ئادەتتە دېڭىزدا ئارقىچىلاپ ئۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھۇجۇم قىلغۇچى قارا داغنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ بېلىقنىڭ قۇيرۇقىنى بېلىق بېشى ئوخشايدۇ، دەپ خاتا تونۇپ قالىدۇ. دۈشمىنى ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلگەندە، ئوڭ يۆنىلىشى بويىچە ئالدىغا قاراپ ئۇچقاندەك ئۈزۈپ قاچىدۇ.
كېپىنەك بېلىق كۆپىنچە تروپىك بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيانلىرىدىكى مارجان خادا تاشلار ئارىسىدا دائىم ئۈزۈپ يۈرۈپ مارجان قۇرتلارنى ۋە تاش قىسىلچاقلىرىدىكى كىچىك تىپتىكى قاسىراقلىق ھايۋانلارنى يەيدۇ. ئۇنىڭ تېنى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن كۆرگەزمە قىلىنىپ، تاماشا قىلىش قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى.