سېرىق ئاغمىخان
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھەممە ئادەم سېرىق ئاغمىخاننى «توخۇ ئوغرىسى» دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا چۈشەنچە. ئەسلىدە «ئاغمىخان چاشقان تۇتىدۇ» دېيىش كېرەك ئىدى، بۇ ھەقىقىي ئەمەلىيەت.
ئاغمىخاننىڭ پۈتۈن تېنى توق سېرىق، بەدەن شەكلى ئىنچىكە ئۇزۇن، ئۇزۇنلۇقى30 −40 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى1 كىلوگرامغا توشمايدۇ، پۇتلىرى بىرقەدەر قىسقا، بارماقلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر، كىچىك چاشقان، ئۆي چاشقىنى ۋە كىچىك قۇشلارنى تۇتۇشقا ماھىر. ئۇنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق يېمەكلىكى چاشقان. گەرچە بەزىدە توخۇ ئوغرىلىسىمۇ، لېكىن تۆھپىسى گۇناھىدىن چوڭ بولۇپ، ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق.
ئاغمىخان كۈندۈزى يېتىپ كېچىسى چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا يۈرىدۇ، ھەرىكىتى چاققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۈزەلەيدۇ. تەبىئەتتىكى بىئوسفېرادا قارچىغا بىلەن مۈشۈكياپىلاق ئاغمىخاننىڭ كۈشەندىسى بولغاندىن باشقا، قالغان بىرقەدەر چوڭ ھايۋانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئامالسىز قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەر قېتىم دۈشمىنىگە يولۇققاندا مەقئىتىدىكى سېسىق بېزىدىن ئىنتايىن سېسىق پۇرايدىغان گاز چىقىرىپ، دۈشمىنىنى يېقىنلاشماس قىلىۋېتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىكىۋېتىدۇ.
ئاغمىخاننىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. تېرىسى جۇۋا، نوركا پەلتۇلارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ماتېرىيالى، قۇيرۇق تۈكىدە سۇ توختايدۇ، سۈركىلىشكە چىداملىق. ئۇ ئالىي دەرىجىلىك موي قەلەم ياساشنىڭ خام ئەشياسى. ياز پەسلىدە قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىدىكى تۈكلىرىنىڭ رەڭگى قارا قوڭۇرلۇقنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، پۈتۈن تېنىدىكى تۈكلىرى كۈل رەڭ ئاققا ئۆزگىرىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا تۇتۇۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تېرىسى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.