UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىمايمۇن

مايمۇن

ھايۋاناتلار دۇنياسى مايمۇن بىلەن ئادەم پرىماتلارغا تەۋە. مايمۇننىڭ نۇرغۇن ھەرىكەتلىرى ئادەمنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەقىل - پاراسىتى ئادەم ۋە ئادەمسىمان مايمۇندىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مېڭىسىنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ ئادەمنىڭكىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرلار مېڭە تاشقى بۆلۈم ئوپېراتسىيىسىدە ئالدى بىلەن مايمۇننى تەجرىبە قىلىدۇ. دۇنيا بويىچە پرىماتلارنىڭ تەخمىنەن200 تۈرى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مايمۇنلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. مايمۇن بىلەن ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئەڭ زور پەرقى قۇيرۇقىنىڭ بولۇش - بولماسلىقىدا، ئادەمسىمان مايمۇننىڭ قۇيرۇقى بولمايدۇ، مايمۇندا ئۇزۇن قۇيرۇق بولىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك مايمۇن ئېكۋادور، برازىلىيە ۋە پېرۇ قاتارلىق رايونلاردا ياشايدىغان «سېبېللا» دەپ ئاتىلىدىغان مايمۇن. بۇ خىل كىچىك مايمۇننىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قۇيرۇقى بىلەن قوشۇلۇپ ئاران30 سانتىمېتىر چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇيرۇقى پۈتۈن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. سېبېللا چىۋىن، پاشا، ئۆمۈچۈك ۋە پەرۋانىلەرنى ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاشاراتخور مايمۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مايمۇن ئافرىقىدا ياشايدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى پاۋىئان (بابۇن) بولۇپ، تېنىنىڭ ئېگىزلىكى90 سانتىمېتىردىن1 مېتىرغىچە، ئېغىرلىقى50 كىلوگرام چىقىدۇ. ياۋايى مايمۇنلار توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، تېنى چوڭ، كۈچلۈك بىر ئەركەك مايمۇن «مايمۇن پادىشاھى» بولۇپ، پۈتۈن توپقا قوماندانلىق قىلىدۇ، قالغان ئەركەك مايمۇنلار «قاراۋۇل»بولۇپ ئانا مايمۇن ۋە بالا مايمۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. پاۋىئانلار يېمەكلىك ئىزدەشتە ياكى سۇ ئىچىشتە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ ھەمدە ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ باتۇر ئەركەك مايمۇنلار «ئاۋانگارت قوشۇن» بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئالدىدا مېڭىپ يول ئاچىدۇ. ئەگەر شىر ياكى باشقا دۈشمەنلىرىگە يولۇقۇپ قالسا «ئاۋانگارت قوشۇن» دىكىلەر ئېتىلىپ بېرىپ ئېلىشىدۇ، ئەتراپىدىكى دەرەخقە چىقىۋالغان پاۋىئانلار بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا چۇقان سېلىپ «ئاۋانگارت قوشۇن» دىكى ئەزالارغا مەدەت بېرىدۇ. سىچۇەننىڭ ئېمېيشەن تېغىدىكى مايمۇنلار توپلىشىۋېلىپ شايكا تۈزۈپ سەيلە - ساياھەتچىلەرنىڭ «يولىنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىدۇ»، ھەتتا يانچۇقىنى كولايدۇ، سومكىسىنى تارتىۋالىدۇ، ئويناپ پۇخادىن چىققاندىن كېيىن سومكىلارنى جىلغىغا تاشلىۋېتىدۇ ياكى دەرەخ شېخىغا ئېسىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر نېمە قىلارىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ قالىدۇ. مايمۇن ئۆگىتىلگەندىن كېيىن ئويۇن كۆرسىتەلەيدۇ، سېرك ئوينىيالايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرىدۇ. مالايسىيەدىن كوكس پالمىسى كۆپ چىقىدۇ. كىشىلەر كۆندۈرگەن مايمۇن20 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دەرەخقە چىقىپ كوكس مېۋىسى ئۈزىدۇ. بىر مايمۇن بىر كۈندە مىڭ تالغا يېقىن كوكس مېۋىسى ئۈزىدۇ، ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئىش ھەققىگە قورسىقىنى بانان بىلەن بىر تويغۇزۇپ قويسىلا كۇپايە قىلىدۇ. ئەنگلىيىلىكلەر مايمۇننى كۆندۈرۈپ ئىتقا مىندۈرۈپ قوي باققۇزغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى