تىمساھ ۋە تىمساھ قۇشى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئافرىقىنىڭ دەريالىرىدا ياشايدىغان تىمساھنىڭ تەبىئىتى ۋەھشىي، دائىم ئادەم، چارۋىلارغا زىيان سالىدىغان، قورقۇنچلۇق ھايۋان. لېكىن، ئۇ تىمساھ قۇشى بىلەن بىر جۈپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئەزەلدىن تىمساھ قۇشىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
تىمساھ قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن دەريا بويىدا ئېزىلىپ كۆزىنى يۇمۇپ ھاردۇق ئېلىۋاتقاندا ئەپچىل تىمساھ قۇشى ئۇنى ھامان تۈزەشتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تىمساھمۇ بۇ خىل مۇلازىمەتنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاغزىنى يوغاق ئېچىپ بېرىپ، چىشلىرىنى كولىتىپ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلىتىدۇ. تىمساھ قۇشىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇپ، تىمساھنىڭ چىشلىرىنىڭ ئارىلىقىغا كىرىۋالغان گۆش پارچىلىرىنى بىر - بىرلەپ چوقۇلاپ يەۋېتىدۇ. ئەگەر تىمساھنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا يەنە زۈلۈك پارازىت ياشىغان بولسا تىمساھ قۇشى ئىمكانقەدەر ئىزدەپ تېپىپ، يەۋېتىپ تىمساھ ئۈچۈن زىيانداشنى يوقىتىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ تىمساھ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان خالىسانە بىر ساقلىقنى ساقلىغۇچىغا ئېرىشىدۇ، تىمساھ قۇشى بولسا تىمساھنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى ئارىلىقىدىكى گۆشلەرنى يەپ قورساق تويغۇزىدۇ.
بەزىدە تىمساھ بىپەرۋالىق قىلىپ، دوستىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاغزىنى يۇمۇۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تىمساھ قۇشى ھودۇقۇپ كەتمەي قاتتىق، ئۇچلۇق پەيلىرى بىلەن تىمساھنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا يەڭگىل سانجىپ قويسا، تىمساھ دەرھال ئاغزىنى ئېچىپ بېرىپ، تىمساھ قۇشىنىڭ داۋاملىق خىزمەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.
تىمساھ قۇشى ئىنتايىن سەزگۈر، ئەتراپىدا ئازراق شەپە بولسىلا، بىراقلا تارقىلىپ كېتىپ، چاڭىلداپ سايراپ كېتىدۇ. تىمساھ ئۇلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت چۆچۈپ تارقىلىپ كېتىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇشنى قوبۇل قىلىپ، دەرھال ئويغىنىپ، مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى قىلىدۇ ياكى دەرھال سۇغا شۇڭغۇپ قاچىدۇ.