ھايۋانلارنىڭ باغلىنىشلىقى ۋە بىر - بىرىنى چەكلىشى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، بىر جايدا ئېغىر چاشقان ئاپىتى يۈز بېرىشتىكى مۇھىم بىر سەۋەب، شۇ جايدىكى يىلانلارنىڭ كۆپلەپ تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن بولىدىكەن. تەبىئەتتە ھەر خىل جانلىقلار ئوتتۇرىسىدا بىر خىل تەبىئىي تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتى بولىدۇ، ئۇلار ھەم بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق بولىدۇ، ھەم بىر - بىرىنى چەكلەيدۇ. ئەگەر ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق سۈنئىي ھالدا بۇزۇۋېتىلسە، جەزمەن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
ئاق چۈمۈلە بىلەن قارا چۈمۈلە بىر جۈپ رەقىبلەر بولۇپ، ئۆزئارا ئۇچرىشىپ قالسا راسا جەڭ قىلىشىدۇ، كۆپىنچە چوڭ قوشۇن بويىچە جەڭ قىلىش ۋەزىيىتى پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە، كۆپ ھاللاردا قارا چۈمۈلە ئاق چۈمۈلە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئاق چۈمۈلىنىڭ ئەسكەرلىرى تىرىپىرەن بولۇپ كېتىدۇ، ئامان قالغانلىرى ھەريان قېچىپ جېنىنى قۇتقۇزىدۇ. بۇ كىشىلەرگە، قارا چۈمۈلىدىن پايدىلىنىپ ئاق چۈمۈلىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئىلھام بەردى. تاغ قۇشقىچى بىلەن تۆمۈرتۇمشۇق بىر جۈپ ياخشى دوستلاردىن. تاغ قۇشقىچى تۆمۈرتۇمشۇق بار جايغا ئۇچۇپ بېرىپ، يەردىكى تۆمۈرتۇمشۇق چوقىلاپ چۈشۈرۈۋەتكەن قۇرتلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ تۆمۈرتۇمشۇق ھېچنېمىگە قارىماي دەرەخ قوۋزىقىنى چوقۇلايدىغانلىقى ئۈچۈن ئوڭايلا بۈركۈتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، تاغ قۇشقىچى بۈركۈتنى كۆرۈپ قالسىلا دەرھال جىم بولۇۋالىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۆمۈرتۇمشۇققا سىگنال بېرىپ، تېزدىن يوشۇرۇنۇۋېلىپ، بۈركۈتنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇشنى ئۇقتۇرغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدا بارلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئايلىنىشى بىر قاتار «يېيىش» ۋە «يەم بولۇش» ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە ھەر خىل ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆرسىتىلگەن، ئۇنىڭدىن ھايۋانلارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق ۋە بىر - بىرىنى چەكلەيدىغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۈلكە كىشىلەرنى بىزار قىلىدىغان ھايۋان، ئەمما تۈلكە بولمىسا توشقان، تۇلۇمچاشقان، كىرپە قاتارلىقلارنىڭ سانى مۇقەررەر ھالدا شىددەت بىلەن ئېشىپ كېتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ھايۋانلار يەيدىغان دالا ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مېۋىلىرى كۆپ مىقداردا ئازىيىپ كېتىدۇ، ھەتتا پاك - پاكىز يېيىلىپ كېتىش ئېھتىمالىمۇ بار، نەتىجىدە، پۈتۈن ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇزۇلىدۇ. ئەكسىچە ئويلىغاندا، ئەگەر تۈلكىنىڭ سانى ئېشىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە توشقان، تۇلۇمچاشقان، كىرپىلەر ئازىيىدۇ - دە، ھېلىقى دالا ئۆسۈملۈكلىرى بارغانسېرى روناق تېپىپ ئۆسىدۇ. نەتىجىدە ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭمۇ داۋاملىشىشى قىيىنلىشىدۇ.
تەبىئەتتە، ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ئۆزئارا چەكلەش مۇناسىۋىتى ناھايىتى سىرلىق بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىكى سىرلارنى ئاچسا، ھايۋانلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ.