ياڭزىجياڭ تىمساھى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ياڭزىجياڭ تىمساھى تاتلىق سۇلاردا ياشايدۇ، ئاساسەن دۆلىتىمىزنىڭ ئەنخۇي، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا تارقالغان. ئۇ ھەم قەدىمىي ھايۋان، ھەم ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان سانى ئىنتايىن ئاز، دۇنيا بويىچە نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان.
يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار مېزوزوي ئېراسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى، ئۇ ۋاقىتتا يەر شارى ئۇلارنىڭ جەننىتى ئىدى. كېيىن، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن دىنوزاۋرغا ئوخشاش نۇرغۇن يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ماسلىشالماي يوقىلىپ كەتكەن، ياڭزىجياڭ تىمساھى قاتارلىق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار تا ھازىرغىچە داۋاملىق ياشاپ كەلگەن. ياڭزىجياڭ تىمساھىدىن ھازىرمۇ ئەڭ بالدۇرقى دىنوزاۋرغا ئوخشاش يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى «تىرىك تاشقاتما» دەپ ئاتايدۇ.
ياڭزىجياڭ تىمساھى سۇ بويىدىكى قومۇشلۇق ياكى بامبۇكلۇق بەلۋاغلاردا ياشايدۇ. بېلىق، پاقا، ئېتىزلىق قۇلۇلىسى ۋە دەريا سەدەپدارى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. لېكىن، بەزىدە ئۆي قۇشلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە زىرائەتلەرنى چەيلەپ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈنۈشى «سەت» بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان زىيانلىق ھايۋان، دەپ قارىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى، شۇڭا سانى ئازىيىپ كەتكەن. ياڭزىجياڭ تىمساھىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن2 مېتىر، دۈمبە قىسمىنىڭ رەڭگى تۇتۇق قوڭۇر، قورساق قىسمى كۈل رەڭ، تېرىسىنى چوڭ مۈڭگۈز ماددىلىق تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى10 - ئايدا ئۆڭكۈرگە كىرىۋېلىپ قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىپ، ئىككىنچى يىلى4 −5 - ئايلاردا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ،6 - ئايدا چېتىشىپ7 −8 - ئايلاردا تۇخۇم تۇغىدۇ، بالا تىمساھ9 - ئايدا تۇخۇمدىن چىقىدۇ.
ياڭزىجياڭ تىمساھى دۆلىتىمىزدە ياشايدىغان ئالاھىدە ھايۋان. ھازىر كىشىلەر دىنوزاۋرنى تەتقىق قىلىشتا، دىنوزاۋرنىڭ تاشقاتمىلىرىغا ئاساسلىنىشتىن سىرت، ياڭزىجياڭ تىمساھى قاتارلىق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ئارقىلىق دىنوزاۋرنىڭ ياشاش ئادەتلىرىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇڭا ياڭزىجياڭ تىمساھى كىشىلەرنىڭ قەدىمكى زاماندىكى يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ گۈللىنىش، زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلىشىدا، پالېئوگېئولوگىيىنى ۋە جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلىتىمىز ياڭزىجياڭ تىمساھىنى دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنى قەتئىي مەنئى قىلدى. بۇ خىل قىممەتلىك ھايۋاننىڭ نەسلىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن دۆلىتىمىز يەنە ئەنخۇي، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردا ياڭزىجياڭ تىمساھى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى ۋە سۈنئىي كۆپەيتىپ بېقىش مەيدانلىرىنى قۇردى.