UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىكالا

كالا

ھايۋاناتلار دۇنياسى جۇڭگولۇقلار كالىنى ئەزەلدىنلا جاپا - مۇشەققەتنىڭ سىمۋولى قىلىپ كەلدى. خەلق ئارىسىدا «كالا يەر ھەيدەيدۇ، ئات بولسا بوغۇز يەپ بېرىدۇ» دەيدىغان تەمسىل بار. لۇشۈن ئەپەندى ئۆزىنى كالىغا ئوخشىتىپ «يەيدىغىنىم سامان، بېرىدىغىنىم سۈت» دېگەنىدى. كالىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ قېرىنىغا كىرگەن يەم - خەشەكنى ئاغزىغا ياندۇرۇپ چىقىرىپ، قايتىدىن بىر قېتىم چاينايدۇ، بۇ كۆشەش دېيىلىدۇ، كالا زوئولوگىيىدە كۆشىگۈچى ھايۋان دەپ ئاتىلىدۇ. كۆشەش بىر خىل ئاجايىپ مۇرەككەپ ھەزىم قىلىش ئۇسۇلىدۇر. كالىنىڭ تۆت قېرىنى بولىدۇ. ئوت - چۆپ يېگەندە چالا - بۇلا چايناپلا چوڭ قېرىنىغا يۇتۇۋېتىدۇ، ئاندىن تورلۇق قېرىنىغا كىرگۈزىدۇ، ئارام ئالغاندا ئېغىز بوشلۇقىغا قۇسۇپ چىقىرىپ قايتا چايناپ، شۆلگەي بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن قاتقېرىن (توققۇزتولۇق) غا ياكى شىردانغا (ساقىنچاققا) يۇتۇپ كىرگۈزۈپ پۈتۈن ھەزىم قىلىش جەريانىنى تاماملايدۇ. كالىنىڭ سېرىق كالا، ئۆركەشلىك كالا، سۇ كالىسى ۋە قوتاز قاتارلىق تۈرلىرى بار. سېرىق كالا بىلەن سۇ كالىسى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. كالىنىڭ دۆلىتىمىزدە قوتاز ۋە بۆكەن كالىسىدىن ئىبارەت ئالاھىدە ئەتىۋارلىق ئىككى تۈرى بار. ياۋا قوتاز دېڭىز يۈزىدىن5 −6 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز تاغ يايلاقلىرىدا ياشايدۇ. ئۇنىڭ بويى چوڭ، قورسىقى كەڭ، بەستلىك، پۇتلىرى قىسقا، تېنى پاكار، پۈتۈن تېنىدىكى يۇڭى قارا قوڭۇر، ئۇزۇن بولۇپ، خۇددى پېرىنجە يېپىنچاقلىۋالغانغا ئوخشايدۇ. تۇيىقى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن مەزمۇت ھەم كۈچلۈك؛ تېنى چوڭ، ئاچچىقى يامان، تاغلىق رايونلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ كۆندۈرۈشى بىلەن ئېگىز تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ ئېغىر يۈكلەرنى توشۇيدىغان ئۆي ھايۋىنىغا ئايلانغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ «ئېگىزلىكلەردىكى ئاپتوموبىل» دېگەن چىرايلىق نامى بار. بۆكەن كالىسىنىڭ يۇڭى بوز سېرىق، تۇرقى ھەم كالىغا، ھەم قويغا ئوخشايدۇ. سىچۇەن، گەنسۇ ۋە شەنشىنىڭ ئېگىز تاغلىق رايونلىرىدا ياشايدۇ. تېنى چوڭ، پۇتلىرى چوڭ، مەزمۇت، ئېغىرلىقى500 كىلوگرام چىقىدۇ. ئۇلار توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېگىز تاغلىق رايوندا ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن كۆپىيىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، دۆلەت بويىچە ئەتىۋارلىق ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. بۆكەن كالىسىنىڭ بىر غەلىتە مىجەزى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان كونا يولىدا مېڭىشقا ئامراق، كونا يولى تاشلار بىلەن توسۇلۇپ قالسىمۇ يولىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، دۆلەتلىك ھايۋانات باغچىسىغا لازىم بولسا، ئۇلار دائىم ماڭىدىغان چىغىر يولغا تەمى مەززىلىك تۇزلانغان سۈت كۇمىلىچى قويۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئىككى يېنىغا بىردىن «قەپەس تار كوچا» ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، بۆكەن كالىسى تۇزلانغان سۈت كۇمىلىچىنى يەيمەن دەپ جەزمەن «تار كوچا» دىن ئۆتىدۇ، ئۇ تار كوچىغا كىرگەندە قەپەسنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىشىك پالاققىدە چۈشۈپ يېپىلىپ قالىدۇ - دە، بۆكەن كالىسى قولغا چۈشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى