UyghurWiki
UyghurWikiھايۋاناتلار دۇنياسىيالتىراق قوڭغۇز

يالتىراق قوڭغۇز

ھايۋاناتلار دۇنياسى ھاۋا ئوچۇق تومۇز كېچىلىرى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا نۇر چېچىپ تۇرىدىغان يالتىراق قوڭغۇزلار ئۇچۇپ يۈرۈپ ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا ياشايدىغان، ئۇچالمايدىغان جورىلىرىنى ئىزدەيدۇ. چاقناپ تۇرىدىغان يالتىراق نۇر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جورا ئىزدەش ئۇچۇرى ھېسابلىنىدۇ. يالتىراق قوڭغۇز بىر خىل ھاشارات بولۇپ، تېنى ياپىلاق، ئىنچىكە ئۇزۇن. كۆپ ساندىكى تۈرلىرىنىڭ ئەركىكىدە قانىتى بولىدۇ، چىشىسىدە بولمايدۇ. يالتىراق قوڭغۇزنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتى قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا بولىدۇ، ئۈستىنى بىر قەۋەت سۈزۈك مۈڭگۈز ماددىلىق ئېپىدېرما يېپىپ تۇرىدۇ، ئېپىدېرمىسى ئاستىغا تەركىبىدە فلۇئورېسسېئىن ۋە فلۇئورېسسېئىن ئېنزىمى بولغان يورۇقلۇق چىقىرىدىغان نەچچە مىڭ ھۈجەيرە تىزىلغان. تېنىدە ئوكسىگېن يېتەرلىك بولغان چاغدا فلۇئورېسسېئىن فلۇئورېسسېئىن ئېنزىمىنىڭ قوزغىتىشى نەتىجىسىدە يالتىراق قوڭغۇزنىڭ كانىيى ئارقىلىق سۈمۈرۈلگەن ئوكسىگېن بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ئوكسىدلانغان فلۇئورېسسېئىننى سىنتېزلايدۇ. بۇ جەرياندا قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە ئۆزگىرىپ يالتىراق نۇرغا ئايلىنىدۇ. ئادەتتە بىزگە كۆرۈنگەن يالتىراق قوڭغۇزنىڭ چىقارغان يورۇقلۇقىنىڭ بىردەم يورۇپ بىردەم ئۆچۈشى يالتىراق قوڭغۇزنىڭ ھاۋا تۆشۈكىنى بىردەم ئېچىپ، بىردەم يېپىپ، ئوكسىگېننىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئەزاسىغا كىرىشىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يالتىراق قوڭغۇز يورۇقلۇق چىقىرىش جەريانىدا ئاساسەن دېگۈدەك ئىسسىقلىق ھاسىل قىلمايدۇ، چىقىرىدىغان نۇرى «سوغۇق نۇر»، ئۇ خىمىيىۋى ئېنېرگىيىنى% 100 دېگۈدەك كۆرۈنىدىغان نۇرغا ئايلاندۇرالايدۇ. بۇنى ئاران ئاز بىر قىسىم ئېنېرگىيىنى ئۆزگەرتىپ كۆرۈنىدىغان نۇرغا ئايلاندۇرىدىغان چوغلىنىدىغان لامپۇچكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا «ئۈنۈمى» خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ. يالتىراق قوڭغۇزنىڭ خىمىيىۋى ئېنېرگىيىدىن شۇنچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى بىئوخىمىيە ئالىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىدا، ئۇلار يالتىراق قوڭغۇزنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق فلۇئورېسسېئىن ۋە فلۇئورېسسېئىن ئېنزىمىنى ئاجرىتىۋېلىپ يالتىراق قوڭغۇزنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش سىرىنى ئېنىقلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ ماددىلارنى سۈنئىي سىنتېزلاپ چىقتى. كىشىلەر يالتىراق قوڭغۇزنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ھەم توك تېجىلىدىغان، ھەم يورۇق بولىدىغان يالتىراق لامپىنى كەشىپ قىلدى. ھازىر كىشىلەر يەنە يالتىراق قوڭغۇزنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ماھارىتىگە ئاساسەن سوغۇق نۇر مەنبەسىنى ياساپ ئىسسىقتىن قورقىدىغان، ماگنىتتىن قورقىدىغان سانائەت، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ تۈردە قوللانماقتا.
← بارلىق تېمىلار ھايۋاناتلار دۇنياسى
يالتىراق قوڭغۇز | UyghurWiki | UyghurWiki